خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
كەركۈكتىكى ئىراق ھەربىي ھاۋا ئارمىيە بازىسى راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
دۈشەنبە كۈنى كەچتە كەركۈك ئايرودۇرۇمىنىڭ ھەربىي قىسمىغا ئىككى دانە «كاتيۇشا» ماركىلىق راكېتامىيوتى ئېتىلىپ، ئىككى نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى يارىلاندى. ئۈچىنچى بىر راكېتامىيوت بولسا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۇ شەھەرنىڭ بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق ئۆيىگە چۈشتى.
كەركۈكتىكى ئىراق ھەربىي ھاۋا ئارمىيە بازىسى راكېتامىيوت ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
/ AA

دۈشەنبە كۈنى كەچتە كەركۈك ئايرودۇرۇمىنىڭ ھەربىي قىسمىغا ئىككى دانە «كاتيۇشا» ماركىلىق راكېتامىيوتى ئېتىلىپ، ئىككى نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى يارىلاندى. ئۈچىنچى بىر راكېتامىيوت بولسا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۇ شەھەرنىڭ بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق ئۆيىگە چۈشتى. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچقانداق گۇرۇپپا ئۈستىگە ئالمىدى.

ئىراق بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي ئىراقتىكى كەركۈك خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ ھەربىي قىسمىغا كەم دېگەندە ئىككى «كاتيۇشا» راكېتامىيوتى ئېتىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئىككى بىخەتەرلىك خادىمى يېنىك يارىلانغان.

دائىرىلەر، ئۈچىنچى بىر راكېتامىيوتنىڭ بىر ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا چۈشۈپ ماددىي زىيان پەيدا قىلغانلىقىنى، لېكىن ئادەم يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان بۇ رايوندا ئىراق ئارمىيەسى ۋە فېدېراتسىيە ساقچى قىسىملىرى ئىشلىتىدىغان ھەربىي ئەسلىھەلەر بار ئىكەن.

ئىراق دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىر بىخەتەرلىك مەنبەسىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، «بىر راكېتامىيوت ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىكى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئۇچۇش-قونۇش يولى ئارىلىقىدىكى بىر نۇقتىغا چۈشكەن». مەنبە، تاراتقۇلارغا بايانات بېرىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئىسمىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى رەت قىلغان.

يەنە بىر راكېتامىيوت «ئەلئۇرۇبا» مەھەللىسىدىكى بىر ئۆيگە تېگىپ، بىناغا زىيان سالغان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن.

تۆتىنچى بىر راكېتامىيوتنىڭ بولسا پارتلىمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كەركۈك خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ھاۋا قاتنىشىدا ھېچقانداق كاشىلا كۆرۈلمىگەنلىكىنى ۋە ئەسلىھەلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچقانداق گۇرۇپپا ئۈستىگە ئالمىدى.

ئىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئادەتتە رايوندىكى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك جىددىيچىلىك دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىدىغان قوراللىق گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان دەپ قارىلىۋاتقان راكېتامىيوت ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرىغا سەھنە بولۇپ كەلمەكتە.

بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، كىملىكى نامەلۇم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى 12 كۈنلۈك توقۇنۇش ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا، باغداد ۋە ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى ئىككى ھەربىي بازىنىڭ رادار سىستېمىلىرىغا ھۇجۇم قىلغانىدى.

ئىراق ھۆكۈمىتى يېقىنقى ھۇجۇم دولقۇنىغا قارىتا تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى، بىراق ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر جىنايەت گۇماندارىنىڭ بايقالمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى