جەنۇبىي كورېيە 43 خىتاي ئەسكىرىنىڭ سۆڭىكىنى قايتۇردى

جەنۇبىي كورېيە «كورىيە ئۇرۇشى» دا ئۆلگەن 43 خىتاي ئەسكىرىنىڭ سۆڭىكىنى خىتايغا قايتۇردى.

جەنۇبىي كورېيە 43 خىتاي ئەسكىرىنىڭ سۆڭىكىنى قايتۇردى / Others

جەنۇبىي كورېيە «كورىيە ئۇرۇشى» مەزگىلدە شىمالىي كورېيە تەرەپتە ئۇرۇشقا قاتنىشىپ ئۆلگەن 43 خىتاي ئەسكىرىنىڭ سۆڭىكىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي پىدائىيلار ئارمىيەسىنىڭ سېپىدە ئۇرۇشقا قاتناشقان 43 ئەسكەرنىڭ سۆڭىكى جەنۇبىي كورېيە تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلغان.

شۇنىڭ بىلەن، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە «كورېيە ئۇرۇشى» دا ئۆلگەن ۋە سۆڭەكلىرى خىتايغا تاپشۇرۇپغان خىتاي ئەسكىرىنىڭ سانى 981 گە يەتكەن.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ ئەسكەرلەرنىڭ سۆڭەكلىرى خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش مەركىزى شىنياڭ شەھىرىدىكى ھەربىي قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنىدىكەن.

خىتاي 1950-1953-يىللىرى «كورېيە ئۇرۇشى» دا جەنۇبىي كورېيەنى قوللىغان ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قىسىملىرىغا قارشى شىمالىي كورېيەگە ياردەم بەرگەنىدى.