تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «8-نويابىر كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن»
ئەردوغان: «ئەزەربەيجان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئادەتتىكى دىپلوماتىك زىيارەتلەرنىڭ چەك-چېگراسىدىن ھالقىپ كەتكەن. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزۈلمەس رىشتە-ئورتاق تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز، تەقدىرىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنىڭ مەھسۇلىدۇر» دېدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «8-نويابىر كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي كورېيەدىن قايتىش سەپىرىدە ئايروپىلاندا مۇخبىرلاېرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «8-نويابىر ئەزەربەيجاننىڭ زەپەر كۈنى. شۇڭا مەن پەۋقۇلئاددە بىرەر ئەھۋال كۆرۈلمىسىلا، 8-نويابىر كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. ئىنشائاللاھ، بۇ زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلاش پۇرسىتىگە ئېرىشىمىز» دېدى.

ئەردوغان جەنۇبىي كورېيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەملىكەتكە قايتىش سەپىرىدە، ئايروپىلاندا بايانات ئېلان قىلدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئەزەربەيجان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «ئەزەربەيجان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە قانداق باھا بېرىسىز؟ مۇناسىۋەتلەردە كىرىزىس بار دېگەن كۆزقاراشلارغا قانداق قارايسىز؟» دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «8-نويابىر ئەزەربەيجاننىڭ زەپەر كۈنى. شۇڭا مەن كۈتۈلمىگەن بىرەر پەۋقۇلئاددە ئەھۋال يۈز بەرمىسىلا، 8-نويابىر كۈنى ئەزەربەيجاننى زىيارەت قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. ئىنشائاللاھ، بۇ زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن زۆرۈر قەدەملەرنى بېسىش پۇرسىتىمىز بولىدۇ. ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ھۆرمەتلىك ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتۈم. ئەلۋەتتە، بۇ ئارىلىقتا ئىستىخبارات ئىدارىمىزنىڭ باشلىقىنى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىزنى ئەزەربەيجانغا ئەۋەتتىم. ئۇنىڭدىن سىرت، مەيلى ئىلھام ئەپەندى بىلەن بولسۇن، مەيلى رەپىقىلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا بولسۇن يەنە تېلېفون دىپلوماتىيەسى داۋاملاشتى ۋە داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئۇلارمۇ 8-چېسلادىكى زەپەر بايرىمىغا ئىنتايىن زور ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. مەن ھەمىشە ئېيتىپ كېلىۋاتقىنىمدەك، بىزنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئادەتتىكى كلاسسىك دىپلوماتىك ئالاقىلەرنىڭ كۆپ يۇقىرىسىدا تۇرىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئۈزۈلمەس رىشتىسى- ئورتاق تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز، تەقدىرىمىز ۋە كەلگۈسىمىزنىڭ مەھسۇلىدۇر. تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان قېرىنداشلىقىنىڭ، خۇدايىم بۇيرۇسا، ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغان ھېچقانداق توسالغۇسى يوقتۇر.»

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە: ئىرانغا قارىتىلغان يېڭى ھەربىي ھۇجۇم پىلانلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر قاتتىق ئەندىشە قوزغىماقتا
كارنېي بىلەن ترامپ ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مۇناسىۋىتى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى
كېرېمىل سارىيى: زېلېنىسكىي تېلېفون قىلسا، پۇتىن جاۋاب بېرىدۇ
تەيۋەن: خىتاي ھەربىي ئايروپىلانلىرى ئارال ئەتراپىدا 19 قېتىم ئۇچتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ئامېرىكا پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى 4-نويابىردا ئىرانغا قىلىنىدىغان ھۇجۇملار ھەققىدە ئاگاھلاندۇردىمۇ؟
سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتە تارىخىي سۇلەيمانىيە تەككىسى رېمونت قىلىنىپ قايتىدىن ئېچىلدى
قاتىل نېتانياھۇغا قارشى پارلامېنتتا كۈچ بىرلىكى
ھامانېي: «ھۇجۇملارغا جۇغراپىيەلىك چەك – چېگرا تونۇمايدىغان شىددەتلىك جاۋاب قايتۇرۇلسۇن»
روسىيە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن كىيېۋ ۋە دىنىپروپېتروۋسك رايونلىرىدا تەخمىنەن 280 مىڭ ئائىلە توكسىز قالدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پىلانىمىز يوق»
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي غەززەدە 3 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
مىنىستىر فىدان: «خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا ھەسسە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز»
تۈسەب (TÜSEB) ئەزىز سانجار ئىلىم-پەن، خىزمەت ۋە ئىلھاملاندۇرۇش مۇكاپاتلىرى تارقىتىلدى
ئوكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا