باڭلادىشتىكى يەر تەۋرەشتە ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
باڭلادىشتىكى يەر تەۋرەشتە ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدىباڭلادىشنىڭ پايتەختى داككادا يۈز بەرگەن 5.7 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەشتە ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
باڭلادىشتىكى يەر تەۋرەشتە ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى / Reuters

يەر تەۋرەشتىن كېيىن داككا ئاھالىلىرى كوچىلارغا ئۆزىنى ئاتتى. يەر تەۋرەشنىڭ مەركىزى پايتەخت داككانىڭ شەرقىي شىمالى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بىر ساقچى پونكىتى ئەمەلدارىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، جۈمە كۈنى باڭلادىشتا يۈز بەرگەن 5.7 بال چوڭلۇقىدىكى يەر تەۋرەش پايتەخت داككادا كەم دېگەندە ئۈچ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

بۇ ئۈچ كىشى داككادىكى باڭشال رايونىدا بەش قەۋەتلىك بىر بىنانىڭ رېشاتكىلىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.

باڭشال ساقچى پونكىتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچى ئوفىتسېرى ئاشىش بوزې ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ۋەقەدە ئۈچ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى دەلىللىدى.

 يەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى داككا ئىچى - سىرتىدا يەر تەۋرەش تەسىر كۆرسەتكەن ياكى زىيان سالغان يەتتە بىنانىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى، كەم دېگەندە بىر كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەر تەۋرەش شۇ جاي ۋاقتى سائەت 10:38 دە يۈز بەرگەن بولۇپ، باڭلادىش مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەركىزى پايتەخت داككانىڭ تەخمىنەن 50 كىلومېتىر شەرقىي شىمالىي تەرىپىدىكى نارسلىڭدى رايونى ئىكەن.

يەر تەۋرەش پەقەت بىر نەچچە سېكۇنت داۋاملاشقان بولسىمۇ، تەۋرىنىش سەۋەبىدىن داككا ئاھالىلىرى بىنالاردىن ۋە ئۆيلەردىن ئۆزىنى سىرتقا ئېتىپ، كوچىلاردا بىخەتەر جاي تېپىشقا تىرىشقان.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»