ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى غەلىبە: تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى پ ك ك نى تارقىلىشقا مەجبۇر قىلدى
تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان تېررورىزمغا قارشى كۈرىشى نەتىجىسىدە، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ماي ئېيىدا ئۆزىنى تارقىتىدىغانلىقىنى ۋە قورال تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى غەلىبە: تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى پ ك ك نى تارقىلىشقا مەجبۇر قىلدى
تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتىكى غەلىبە: تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى پ ك ك نى تارقىلىشقا مەجبۇر قىلدى / AA

پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئەنقەرەنىڭ «تېررورسىز تۈركىيە» نىشانىغا ئاساسەن، جۈمە كۈنى ئىراقنىڭ سۇلەيمەنىيە ۋىلايىتىدە قورال تاشلاشقا باشلىدى.

تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ كەسكىن ۋە ئۈنۈملۈك تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەرىكىتىدىن كېيىن، پ ك ك ماي ئېيىدا ئۆزىنى تارقىتىدىغانلىقىنى ۋە قورال تاشلايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. بۇ، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى نەچچە ئون يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارالماقتا.

تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى دىپلوماتىيە ساھەسىگىمۇ كېڭەيتكەن تۈركىيە دۆلىتىنىڭ، بولۇپمۇ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى خەلقئارا ھەمكارلاشقۇچىلىرىغا قاراتقان نەچچە يىل داۋاملاشقان مۇقىم بېسىمىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلدى. پ ك ك نىڭ چەت ئەل پايتەختلىرىدە ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، پۇل يۇيۇش ۋە ھەر خىل سىياسىي نىقابلار ئاستىدا مەبلەغ توپلاش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇلدى. تۈركىيەنىڭ گېئوسىياسىي تەسىرىنىڭ زورىيىشىمۇ دۆلەتنىڭ ئەندىشىلىرىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچلەر تەرىپىدىن تېخىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بەردى.

ئەنقەرە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، ئېنېرگىيە دىپلوماتىيەسى ۋە رايونلۇق ھەمكارلىقلار ئارقىلىق پ ك ك نىڭ چەت ئەلدىكى قوللاش تورلىرىنى تەدرىجىي ئاجىزلاشتۇردى.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك چارشەنبە كۈنى كېچىسى  ئېلان قىلغان  باياناتىدا،  قورال تاپشۇرۇش جەريانىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر چەلىك «‹NTV› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىدىن تەشكىل تاپقان مېخانىزىمنىڭ قورالسىزلىنىش جەريانىنى كۆزىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«(ئىراقتا) قورال تاشلاش جەريانى 3-5 ئايدىن ئېشىپ كەتسە، بۇ جەريان ئىغۋاگەرچىلىككە ئوچۇق ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ.»

 تۈركىيە ئۇدا 40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، پۇقرالار ۋە تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملىرى داۋامىدا 40 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پ ك ك غا قارشى ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

ئىزدىنىڭ
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»