يېڭى زېللاندىيەدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئىككى كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېللاندىيەدىكى بىر لاگېر رايونىدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە بىر خىتاي پۇقراسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى كىشى قازا قىلدى، ئالتە كىشى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.
خىتاي باش ئەلچىسى قازا قىلغانلاردىن بىرىنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
يېڭى زېللاندىيە رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي دېڭىز ساھىللىرىدا يۈز بەرگەن قارا يامغۇر ئاپىتىدىن كېيىن، بىر لاگېر رايونىدا يۈز بەرگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ياشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە كىشى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.
خىتاينىڭ يېڭى زېللاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ شياۋلوڭ قازا قىلغانلاردىن بىرىنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.
تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسى پەيشەنبە كۈنى ماۋنگانۇي تېغىدىكى بىر لاگېر رايونىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، چېدىرلارنى ۋەيران قىلىپ، بىر كارۋان ئاپتوموبىلنى ئەتراپتىكى ئىسسىق سۇ كۆلچەكلىرىگە سۈرۈپ ئەكەتكەن.
قەيەردە ئىكەنلىكى تېخىچە ئېنىقلاپ چىقىلالمىغان 3 كىشىنىڭ رايوننى تاشلاپ كەتكەن ساياھەتچىلەر بولۇشى مۇمكىنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.
ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەرنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدەش - قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.
ساقچى ئىدارىسىنىڭ رايون ئىشلىرى قوماندانى تىم ئاندېرسون بۇنىڭ «كەڭ كۆلەملىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەردە ھايات قالغانلارنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ماۋنگانۇي تېغى جايلاشقان تاۋرانگا ۋە ئەتراپىدىكى رايونلار تارىختىكى ئەڭ شىددەتلىك قارا يامغۇرلۇق كۈنلەردىن بىرىنى باشتىن كەچۈردى. تەخمىنەن ئىككى يېرىم ئايلىق يامغۇر 12 سائەت ئىچىدە ياغدى.
قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆپلىگەن تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرى لاي-سۇ ئېقىنلىرى ۋە يوللارنىڭ ۋەيران بولۇشى سەۋەبىدىن، كوروماندېل رايونىدىكى بىرنەچچە تاشيول ھەپتە ئاخىرىغىچە تاقاق پېتى قالىدۇ.