سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرى: تۈركىيە - مىسىر مۇناسىۋەتلىرى ئاتىنا ئۈچۈن ئەندىشە مەنبەسى
گىرېتسىيەدە چىقىدىغان «Kathimerini» گېزىتى، مىسىر بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنلىشىشنىڭ ئاتىنىدا ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرى: تۈركىيە - مىسىر مۇناسىۋەتلىرى ئاتىنا ئۈچۈن ئەندىشە مەنبەسى
گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرى: تۈركىيە - مىسىر مۇناسىۋەتلىرى ئاتىنا ئۈچۈن ئەندىشە مەنبەسى

«Kathimerini» گېزىتىنىڭ «قاھىرە-ئەنقەرە يېقىنچىلىقىدىن تۇغۇلغان ئەندىشە – ئاتىنانىڭ پوزىتسىيەسى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، مىسىرنىڭ قاھىرەدە سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، تۈركىيە ۋە مىسىر ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۆت تەرەپ سۆھبىتىدىن ئاتىنانى خەۋەردار قىلمىغانلىقى بايان قىلىندى.

گىرېتسىيەنىڭ  لىۋىيە مەسىلىسىگە كۆپرەك قىزىقىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن خەۋەردە، مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىننىڭ تۈنۈگۈن بىنغازىغا قىلغان زىيارىتى تىلغا ئېلىنىپ، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە لىۋىيەنىڭ شەرقىدە تەسىرى كۈچلۈك بولغان ھەفتەر ئائىلىسى بىلەن يېقىنلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

لىۋىيە مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان قاھىرەدىكى تۆت تەرەپ سۆھبىتى توغرىسىدا ئاتىناغا مەلۇمات بېرىلمىگەندىن باشقا، ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر سەۋەبىدىن ئاتىنا بىلەن قاھىرە ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنىڭ بۇزۇلغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، مىسىرنىڭ تۈركىيە بىلەن يېقىنلىشىش مۇساپىسىدە ئىسرائىلىيە ئامىلىنىڭمۇ تەسىرى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن خەۋەردە، بۈگۈنلەردە كونيادا مىسىر بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

 «لېكىن ھەربىي مانېۋىرلار كەم دېگەندە تۈركىيە-مىسىر دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىدىكى يېقىنلىشىشقا ئوخشاش ئەندىشە قىلارلىق دەپ قارالمايدۇ.»

مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە 21-ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدىر ئابدۇلئاتى، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەيسال بىن فەرھان ۋە پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد ئىسھاق دار بىر يەرگە جەم بولغان ئىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيە-مىسىر-پاكىستان-سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن يېتىپ بارغان قاھىرەدە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، قاھىرەدە قويۇق ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇچرىشىشلاردا تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە ئامېرىكانىڭ لىۋىيە مەسىلىسىدە مۇھىم بىر سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى قەيت قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى