تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
خاقان فىدان ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، مىسىر، ئىران، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
خاقان فىدان ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا
خاقان فىدان ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا / AA

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئوتتۇرا شەرقتىە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە قاتارلىق مەنسەپداشلىرى شۇنداقلا پاكىستان دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

تۈركىيە دىپلوماتىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىدان يەكشەنبە كۈنى قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئەل سانى، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرھان ئەل سەئۇد ۋە پاكىستانلىق مەسئۇللار بىلەن ئايرىم-ئايرىم تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

فىدان بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى، مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدرى ئابدۇللاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت مەسئۇلى كاجا كاللاس ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇرۇشنى توختىتىش قەدەملىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى.

سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بېرىلمىدى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 28-فېۋرال ئىرانغا قاراتقان بىرلەشمە ئۇرۇشىدىن كېيىن، رايوندىكى جىددىيچىلىك داۋاملىق كۈچەيمەكتە.

توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە، ئارىسىدا شۇ دەۋردىكى دىنىي رەھبەر ئەلى خامەنىيىمۇ بولغان 1300دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئىران ئىسرائىلىيەدىن باشقا يەنە ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە پارىس قولتۇقى ئەللىرىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن ئىنكاس قايتۇردى. بۇ ھۇجۇملار ئۆلۈم-يىتىم ۋە ئۇل ئەسلىھە زىيانلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، دۇنيا بازارلىرى ۋە ئاۋىئاتسىيە ساھەسىگىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

ئىران يەنە كۈنىگە تەخمىنەن 20 مىليون ۋارىل نېفىت توشۇلىدىغان ۋە يەر شارى سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سودىسىنىڭ تەخمىنەن %20 ى ئۆتىدىغان ھورمۇز بوغۇزىنى پاراخوت قاتنىشىغا ئاساسەن دېگۈدەك تاقاپ قويدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Gulf states may ‘take action’ as Iran war risks wider escalation: Turkish top diplomat
ئىزدىنىڭ
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق