ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ۋاشىنگتوندا ئىككى نەپەر ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسى خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى
ئەلچىخانا خادىملىرى پايتەخت يەھۇدىي مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتىن چىقىۋاتقاندا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
ترامپ ۋاشىنگتوندا ئىككى نەپەر ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسى خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى
ترامپ ۋاشىنگتوندا ئىككى نەپەر ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسى خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى / AA
2025-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى باش ئەلچىسى، چارشەنبە كۈنى كەچتە ۋاشىنگتون پايتەخت يەھۇدىي مۇزېيى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ۋە ئىككى نەپەر ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسى خادىمىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قوراللىق ھۇجۇمنى ئەيىبلەپ، بۇ ۋەقەنى يەھۇدىيلارغا قارشى زوراۋانلىق ھەرىكىتى دەپ سۈپەتلىدى.

ترامپ ترۇس سۆشال (Truth Social) سۇپىسىدىكى باياناتىدا: «بۇ ئېنىقلا يەھۇدىيلارغا قارشى ئۆچمەنلىكنى ئاساس قىلغان قورقۇنچلۇق قاتىللىقتۇر، دەرھال ئاخىرلىشىشى كېرەك! ئۆچمەنلىك ۋە رادىكاللىقنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئورنى يوق» دېدى.

ترامپ، قۇربانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەقەنى «ئىنتايىن قايغۇلۇق» دەپ سۈپەتلىدى.

ھۇجۇمدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى باش ئەلچىسى يېچىئېل لەيتېر، قۇربانلارنىڭ توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان ياش ئىسرائىلىيەلىك بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

لەيتېر، ترامپنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى پام بوندى ئارقىلىق ئۆزىگە شەخسەن تېلېفون قىلغانلىقىنى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ يەھۇدىي ئۆچمەنلىكىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

لەيتېر، ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بىز بىرلىكتە قورقمايمىز. بىز بىرلىكتە چىڭ تۇرىمىز ۋە قاتىللىق ئارقىلىق سىياسىي مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيمەن، دەپ ئويلىغان كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي چىرىكلىكىنى يېڭىمىز»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو: «بۇ بىر قورقۇنچاق ۋە يەھۇدىيلارغا قارشى زوراۋانلىق ھەرىكىتى ئىدى. شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرايلى! جاۋابكارلارنى تېپىپ، ئۇلارنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىمىز» دېدى.

قوراللىق ھۇجۇم پايتەخت يەھۇدىي مۇزېيىنىڭ سىرتىدىكى پىيادىلەر يولىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋاشىنگتون ساقچىلىرى گۇماندارنىڭ ۋەقەدىن كېيىن مۇزېيغا كىرىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.

ۋاشىنگتون ساقچى باشلىقى پامېلا سىمىس مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە: «بىز ھۇجۇمنىڭ بىرلا گۇماندار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىغا ئىشىنىمىز، ئۇ ھازىر نەزەربەند ئاستىدا» دېدى.

سىمىس يەنە مۇنداق دېدى:

«ھۇجۇمدىن ئىلگىرى، گۇماندارنىڭ مۇزېينىڭ سىرتىدا ئايلىنىپ يۈرگەنلىكى كۆزىتىلگەن. ئۇ تۆت كىشىلىك بىر گۇرۇپپىغا يېقىنلىشىپ، تاپانچا چىقىرىپ ئوق چىقارغان. ھۇجۇمدىن كېيىن گۇماندار مۇزېيغا كىرگەن ۋە پائالىيەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان»

ساقچىلار گۇماندارنىڭ چىكاگودىن كەلگەن 30 ياشلىق ئېلىياس رودرىگېز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

«قىزىل سىزىق»

ئىسرائىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى داننىي دانون: «ۋاشىنگتوندا يەھۇدىي مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت جەريانىدا يۈز بەرگەن قانلىق ھۇجۇم، يەھۇدىيلارغا قارشى تېرورىزمنىڭ ئەخلاقسىز بىر ھەرىكىتىدۇر» دېدى.

دانون: «دىپلوماتلارغا ۋە يەھۇدىي جامائىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىزىل سىزىقتىن ئۆتكەنلىكتۇر. بىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دائىرىلىرىنىڭ بۇ جىنايى ھەرىكەتتىن مەسئۇل بولغانلارغا قارشى كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئىسرائىلىيە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پۇقرالىرىنى ۋە ۋەكىللىرىنى قوغداش ئۈچۈن قەتئىيلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

ساقچى باشلىقى سىمىس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ساقچى خادىملىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى كەچ سائەت 21:00 ئەتراپىدا ،مۇزېي ئەتراپىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋېلىپ ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەسئۇللار ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ كەلگەندە، بىر ئەر ۋە بىر ئايالنىڭ يەردە ياتقان ۋە نەپەس ئالمايۋاتقان ھالەتتە تېپىلغانلىقىنى ئېيتتى. تۇنجى ياردەم قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، ھەر ئىككىلىسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى، ساقچىلار رايوننى بىخەتەرلىك لېنتىسى بىلەن ئورىۋالغاندىن كېيىن پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەنگىچە ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا قالدى.

شەھەر باشلىقى مۇرېل بوۋسېر مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ۋە ھەپتىلەردە بىر جامائەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشقا يول قويمايدىغانلىقىمىز ھەققىدىكى ئۇچۇرىمىزنى ئېنىق يەتكۈزىمىز» دېدى.

بوۋسېر: «جەمئىيىتىمىزدە ئاكتىپ تەھدىت يوق. مېنىڭ بىلىدىغىنىم شۇكى، بۇ قورقۇنچلۇق ۋەقە شەھىرىمىزدە ۋە دۆلىتىمىزدە نۇرغۇن كىشىلەرنى قورقۇتىدۇ. شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرماقچىمەنكى، بىز بۇ زوراۋانلىققا ياكى ئۆچمەنلىككە يول قويمايمىز» دېدى.

ئىزدىنىڭ
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى
تاجىكىستان ئافغانىستاندىن قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل: پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋەكىلى ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى