سەئۇدى ئەرەبىستان، ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە بىر قانچە شەھەردە ۋاقىتلىق خەتەر ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئېلان قىلدى. ئىتتىپاقداش قىسىملار بولسا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىم، يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھۇسىي قوراللىقلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى خامىس مۇشايت شەھىرىگە ئاتقان ئىككى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىتتىپاقداش قىسىم باياناتچىسى تۇركى ئەلمالىكى، بومبىلارنىڭ توسۇۋېلىنغانلىقىنى X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتى بىلەن ئۇقتۇردى.
باياناتتىن ئازراق بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستان ئاممىۋى مۇداپىئە باش ئىدارىسى، مەملىكەتلىك ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى ئارقىلىق پايتەخت رىياد بىلەن دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئابھا ۋە خامىس مۇشايت شەھەرلىرى ئۈچۈن «ئېھتىماللىق ئىچىدىكى خەتەر» ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى ئېلان قىلدى.
ئورگان، كېيىنچە خەتەرنىڭ ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئەلمالىكى، شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئىتتىپاقداش قىسىملارنىڭ رىياد رايونى، شەرقىي ئۆلكە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىدا بىر قانچە سائەت ئىچىدە تۆت ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېرىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىتتىپاقداش قىسىم يەمەننىڭ شىمالىدىكى سائادا شەھىرىگە جايلاشقان ئىككى باللىستىك بومبا ئېتىش سىستېمىسىنىڭ پاچاقلانغانلىقى كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈشلەرنى ئېلان قىلدى.
مەزكۇر سىستېمىلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇملىرىدا ئىشلىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ئەھۋاللار سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھۇسىي قوراللىقلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىيۇل ئېيىدىن بۇيان ھەربىي جىددىيچىلىك كۈچەيگەن، دۆلەتتىكى ئاممىۋى ئاۋىياتسىيە ئەسلىھەلىرى ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار داۋاملىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەردى.
سەئۇدى ئەرەبىستان 2014-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانا ۋە باشقا بەزى ۋىلايەتلەرنى كونترول قىلىۋاتقان ھۇسىيلارغا قارشى، يەمەننىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئېتىراپ قىلىنغان ھۆكۈمىتىنى قوللاش مەقسىتىدە 2015-يىلى مارتتىن بۇيان ھەربىي ئىتتىپاققا باشچىلىق قىلماقتا.



















