سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ ئۈچ دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى توسۇپ قالغان
سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادە سۇلتان ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى نىشانلىغان 3 دانە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇپ قالدى.
رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇش باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە. رويتېرس. / Reuters
سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادە سۇلتان ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى نىشانلىغان ئۈچ دانە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇپ قالدى. بۇ ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئىتتىپاقى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كەسكىنلەشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شاھزادە سۇلتان ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى نىشانلىغان ئۈچ دانە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋادا پاچاقلاپ تاشلانغان. بۇ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا كېڭىيىۋاتقان ھەربىي توقۇنۇش تەسىرىنىڭ ئەڭ يېڭى كۆرسەتكۈچى ئىكەن.
يېقىنقى كۈنلەردە رايوننىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا، جۈملىدىن پارس قولتۇقىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇ ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئەڭ يېڭى ۋەقە بىر تەرەپتە ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا، يەنە بىر تەرەپتە ئىران ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان رايون خاراكتېرلىك جىددىي ۋەزىيەت ئاستىدا يۈز بەردى.
بۇ ئەھۋال يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا بىر قىسىم پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ كۆپ قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ، ئىران رايوندىكى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ئەسلىھەلەرگە قارىتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەندى.
ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك رايون توقۇنۇش خەۋپىنى كۈچەيتىۋىتىش، شۇنداقلا دۇنيانى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشتە پارس قولتۇقىنىڭ مۇھىم رولىنى كۆزدە تۇتقاندا، يەر شارى ئېنېرگىيە بازىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ ئېغىر بولۇش ئېھتىمالى ئەندىشە قوزغىماقتا.
ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغانلار سانى كۆپەيمەكتە
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتى (UNHCR) ئوتتۇرا شەرقتە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئاز دېگەندە 330 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ سان يېقىنقى كۈنلەردە تېھراندىن قاچقان تەخمىنەن 100 مىڭ كىشىنى ۋە لىۋاندىكى 84 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) ئىراندىكى تەخمىنەن 200 نۇقتىغا، جۈملىدىن يەر ئاستىغا چوڭقۇر يوشۇرۇلغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش نۇقتىلىرى ۋە ئاز دېگەندە 30 پاراخوتقا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا جاۋابەن، ئىران ئىنقىلابىي مۇاپىزەتچىلەر قىسمى تېل ئاۋىۋ ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى باشقا رايونلارغا ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئىران ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ تېھراندىكى 12 مىڭ كىشىلىك ئازادى تەنتەربىيە سارىيىغا قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ، بۇنى خەلقئارالىق قانۇن ۋە ئولىمپىك نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلىش دەپ ئاتىدى.