خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئاۋسترالىيە ۋەكىللىرىنىڭ ۋىزىسىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئادالەتسىزلىك دېدى
ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېننىي ۋوڭ نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنى يالغۇزلۇققا ئىتتىرگەنلىكىنى، تىنچلىق ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئاۋسترالىيە ۋەكىللىرىنىڭ ۋىزىسىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئادالەتسىزلىك دېدى
ئاۋسترالىيە ۋەكىللىرىنىڭ ۋىزىسىنىڭ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ئادالەتسىزلىك دېدى / Reuters

ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ھۆكۈمىتىگە ۋەكىل قىلىپ تەيىنلەنگەن ئاۋسترالىيە پۇقرالىرىنىڭ ۋىزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارىنى «ئادالەتسىزلىك» دەپ ئاتىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېننىي ۋوڭ بايانات بېرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قارارىنى ئاۋسترالىيەنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىش ھەرىكىتىگە قارشى «ئادالەتسىز بىر ئىنكاس» دەپ باھالىدى.

ۋوڭ، دۆلىتىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش ئۈچۈن خەلقئارالىق شېرىكلىرى بىلەن داۋاملىق ئىشلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ بايانات ئىسرائىلىيەنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىغا ۋە ئاشقۇن ئوڭ قانات بىر ئىسرائىلىيەلىك سىياسىيوننىڭ دۆلەتكە كىرىشىنى چەكلىشىگە جاۋابەن ئاۋسترالىيەلىك ۋەكىللەرنىڭ ۋىزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

ۋوڭ، ئاۋسترالىيەنىڭ ئۆز جامائىتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بارلىق ئاۋسترالىيەلىكلەرنى نەپرەت ۋە ھەر تۈرلۈك زىيان-زەخمەتلەردىن يىراق تۇتىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى.

ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى، ئىسرائىلىيە پارلامېنتى «كنېسسېت» نىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇن ۋە ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى سىمچا روتماننىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشىنى ئوچۇق-ئاشكارە قوللىغانلىقى ۋە پەلەستىنلىك بالىلارنى ئىسرائىلىيەنىڭ «دۈشمەنلىرى» دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن ئاۋسترالىيە ۋىزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۈچ يىلغىچە دۆلەتكە كىرىشىنى چەكلىگەن.

ئاۋسترالىيە 2024-يىلى نويابىردا ئىشغال قىلىنغان غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار ۋە ئەدلىيە مىنىستىرى ئايېلېت شاكېدقا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان.

ئاۋسترالىيە كېلەر ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. فىرانسىيە، ئەنگلىيە، مالتا، كانادا ۋە پورتۇگالىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرمۇ سېنتەبىردە نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىش پىلانىنى ئېلان قىلدى.

بۇ ئۆزگىرىش ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قاراتقان ۋەھشىيانە ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋە 62 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىدەك بىر ۋەزىيەتتە يۈز بەردى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن نويابىردا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىسرائىلىيە يەنە بۇ رايوندىكى قىزغىنچىلىق ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا دۇچ كەلمەكتە.

 

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ