خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
لوس ئانژېلېستا كۆچمەنلەر نامايىشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ شەھەرگە 2000 ئەسكەر يوللىدى
كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ نىقابلىق ۋە قوراللىق خادىملىرى لوس ئانژېلېستا ئېلىپ بارغان ۋە كەڭ كۆلەمدە غۇلغۇلا قوزغىغان خىزمەت ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈشىدىن بىر كۈن كېيىن نامايىش پارتلىدى. بۇ تەكشۈرۈشلەر غەزەپلەنگەن ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
لوس ئانژېلېستا كۆچمەنلەر نامايىشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ شەھەرگە 2000 ئەسكەر يوللىدى
لوس ئانژېلېستا كۆچمەنلەر نامايىشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ شەھەرگە 2000 ئەسكەر يوللىدى / AP

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شەنبە كۈنى لوس ئانژېلېس رايونىدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشى كۈچىيىۋاتقان نامايىشلارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن 2000 ئەسكەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. ترامپنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ باشلىقى «قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دەپ تەرىپلىدى.

فېدېراتسىيە خادىملىرى شەنبە كۈنى كەچتە ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان نامايىشلار جەريانىدا لوس ئانژېلېسنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدا غەزەپلەنگەن ئامما بىلەن توقۇنۇشتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىخەتەرلىك خادىملىرى خەلققە ئاۋاز بومبىسى ئاتقان ۋە قانۇنىي ھۆججىتى بولمىغان كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا تاشيولنىڭ بىر قىسمىنى تاقىۋەتكەن.

توقۇنۇش پارامونت (Paramount) رايونىدا، فېدېراتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئەمەلدارلىرى تەييارلىق رايونى سۈپىتىدە ئىشلەتكەن بىر «Home Depot» دۇكىنىغا يېقىن جايدا يىغىلغان نامايىشچىلار بىلەن يۈز بەردى. فوكس 11 قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فېدېراتسىيە خادىملىرى گازغا قارشى نىقابلارنى تاقاپ، ئاممىغا ئاۋاز بومبىسى ۋە كۆزدىن ياش ئاققۇزۇش گازى ئاتقان.

جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن پرېزىدېنتلىققا سايلانغان ترامپ يانۋاردا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ دۆلەتكە كىرىشىگە ۋە دۆلەتتە تۇرۇشىغا قارشى قاتتىق تەدبىر قوللىنىش ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ترامپ بۇ كىشىلەرنى «مەخلۇقلار» ۋە «ھايۋانلار» دەپ ئاتىغان ئىدى.

ترامپ شەنبە كۈنى كەچتە «كۈچىيىپ كېتىشىگە يول قويۇلغان بۇ قانۇنسىزلىقنى بىر تەرەپ قىلىش» ئۈچۈن 2000 دۆلەت مۇھاپىزەتچىسىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشنى بەلگىلىگەن پەرمانغا ئىمزا قويدى. ئاق ساراي ئاخبارات كاتىپى كارولىن لېۋىت باياناتىدا: «ترامپ ھۆكۈمىتى، بۇ زوراۋانلىق بولۇپمۇ قانۇن ئىجراچىلىرىغا قارىتىلغان جىنايى قىلمىشلارغا ۋە زوراۋانلىققا قەتئىي يول قويماسلىق سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ» دېدى.

ئاق ساراينىڭ بۇ باياناتىدىن تەخمىنەن بىر سائەت بۇرۇن، كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان باشلىقى گاۋىن نيۇسوم بۇ قارارغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. نيۇسوم X ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۇ ھەرىكەت قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلىش بولۇپ، پەقەت جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بىز شەھەر ۋە ناھىيە بىلەن يېقىندىن ماسلىشىۋاتىمىز، ھازىر ھەل قىلىنمىغان ھېچقانداق ئېھتىياج يوق» دېدى.

كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ نىقابلىق ۋە قوراللىق خادىملىرىنىڭ لوس ئانژېلېسنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا كۆزگە كۆرۈنگەن خىزمەت ئورۇنلىرىنى تەكشۈرۈشىدىن كېيىن نامايىشلار باشلاندى. بۇ تەكشۈرۈشلەر غەزەپلەنگەن ئاممىنى رايونغا جەلپ قىلىپ، بىر نەچچە سائەتلىك جىددىي ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Clashes in Los Angeles between authorities and protesters during immigration sweep

«قانۇن ۋە تەرتىپ ھۆكۈم سۈرىدۇ»

لوس ئانژېلېس شەھەر باشلىقى كارېن باس فېدېراتسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىدىن كېيىن بەزى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ «قورقۇنچ ھېس قىلغانلىقىنى» بىلدۈردى. باس X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ھەممە ئادەمنىڭ تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلىش ھوقۇقى بار، ئەمما شۇنى ئېنىق ئېيتىپ قويايكى: زوراۋانلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قوبۇل قىلىنمايدۇ ۋە بۇنىڭغا مەسئۇل بولغانلار جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دېدى.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دان بونگىنو جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردىن كېيىن نۇرغۇن كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى. بونگىنو X سۇپىسىدىكى باياناتىدا: «ئەگەر قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كەلسەڭلار، بىز قول كويزىسى ئېلىپ كېلىمىز. قانۇن ۋە تەرتىپ ھۆكۈم سۈرىدۇ» دېدى.

شەنبە كۈنىدىكى نامايىشلاردا، كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىجرا قىلىش ئىدارىسى (ICE) خادىملىرىنىڭ رايوندىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلغان شوئارلار توۋلاندى. نامايىشچىلارنىڭ بەزىلىرى مېكسىكا بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ، بىر ئامېرىكا بايرىقىغا ئوت قويدى. «لوس ئانژېلېس ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نامايىشچىلار سېمونت خىشلار ۋە مال سېتىۋېلىش ھارۋىلىرىنى ئىشلىتىپ يولغا توساق قۇرغان.

بىر توپ كىشى يېقىن ئەتراپتىكى تاشيولدىن چىقىۋاتقان ئامېرىكا فېدېراتسىيە ساقچى مۇلازىمەت ئىدارىسى (US Marshals Service) ئاپتوبۇسىنى قورشىۋالغان. خادىملار كېيىنچە نامايىشچىلارنىڭ تاشيولنى ئىگىلىۋېلىشىنىڭ ۋە يېڭى كىشىلەرنىڭ رايونغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىرىش ۋە چىقىش ئېغىزلىرىنى تاقىغان.

ئاق ساراي نامايىشلارغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئاق ساراي ئىش بېجىرىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ستېفېن مىللېر بۇ نامايىشلارنى «ئامېرىكانىڭ قانۇنلىرىغا ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا قارشى بىر ئىسيان» دەپ ئاتىدى.

ئامېرىكانىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولغان لوس ئانژېلېس، دۆلەتنىڭ ئەڭ كۆپ خىللاشقان چوڭ شەھەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تەخمىنەن 50 مىڭ نوپۇسى بولغان پارامونت شەھەر ئەتراپى رايونىنىڭ، ئامېرىكا نوپۇس تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 82 پىرسەنتى ئىسپان ياكى لاتىن پۇشتىدىن ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US arrests wrongly deported migrant to El Salvador upon his return on human smuggling charges

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ترابزونسپور كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
خىتايدا بىر كۆمۈر كانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 82 خىتاي ئۆلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇردى
رۇبىيو ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «كىچىك بىر ئىلگىرىلەش» بارلىقىنى ئېيتتى
ئەردوغان: «تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى
ئىرلاندىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرى بىلەن سودا قىلماسلىقى لازىم
8-نۆۋەتلىك ئېتنو-تەنھەرىكەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 108 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىدۇ
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىرئە ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى بومباردىمان قىلدى
دۇران: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز
ئەردوغان تۈركىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
فىدان: بۈگۈن خەلقئارا سۇمۇد فىلوتى پائالىيەتچىلىرىنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك