خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى ئاممىۋى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش يوليورۇقى بەردى.
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى / Reuters Arkiv

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كانادانىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە دېھقانلىرىغا ئادىل سودا ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كانادادا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئاممىۋى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىكى يازمىسىدا، ئامېرىكا سۈت ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ كانادا بازىرىغا مال سېتىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنى، ئەمما بۇرۇنقى پىرېزىدېنتلار مەزگىلىدىكى سودا كېلىشىملىرى سەۋەبىدىن كانادانىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادانىڭ نەچچە يىللاردىن بېرى ئامېرىكانى «زىيانغا ئۇچرىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى» ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، كانادا ھۆكۈمىتى ۋە ئىشتاتلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ كىچىك تىپتىكى كارخانىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاممىۋى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىگە كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ترامپ ئامېرىكانىڭ بولسا كاناداغا بۇ جەھەتتە ئىمكانىيەت بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بۇ ئۆزئارا باراۋەرلىك ئەمەس، بەلكى كاناداغا خاس بولغان بىر سودا ئالدامچىلىقىدۇر. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزئارا باراۋەرلىك بولمايدىكەن، ئىمكانىيەتمۇ بولمايدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Canada implements $20 billion tariffs on US goods as trade tensions escalate

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئامېرىكا دېھقانلىرى ۋە شىركەتلىرى ئۈچۈن تولۇق ۋە ئادىل بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغانغا قەدەر، كانادادا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا ئومۇمىي مۇلازىمەت ئىدارىسىنىڭ (GSA) خېرىدار چاقىرىش جەدۋەللىرىدىن چىقىرىۋېتىلىشى ئۈچۈن GSA غا ۋە ئامېرىكا سودا ۋەكىللىكىگە (USTR) يوليورۇق بەرگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

مەزكۇر خېرىدار چاقىرىش پىروگراممىلىرىنىڭ يىلىغا 50 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق كۆلەمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ترامپ، بۇ ئىمكانىيەتنىڭ نەچچە يىللار بۇرۇنلا ئۈزۈپ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ