ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋيېتنامدا «بۇيالوي» تەيفېڭ بورىنىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
«بۇيالوي» تەيفېڭ بورىنى ۋيېتنامدا قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئاپەتلەردە 19 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشىلەر بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى.
ۋيېتنامدا «بۇيالوي» تەيفېڭ بورىنىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
ۋيېتنامدا «بۇيالوي» تەيفېڭ بورىنىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە / AP

تەيفېڭ بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان قارا يامغۇر ۋيېتنامدا كەڭ كۆلەملىك كەلكۈن ۋە  تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاپەتلەردە  19 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن ئادەم يوقاپ كەتتى.

دۆلەتلىك ھاۋا رايى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋيېتنامنىڭ بەزى جايلىرىدا يامغۇر مىقدارى 30 سانتىمېتىردىن ئاشقان بولۇپ، قارا يامغۇرنىڭ داۋاملىشىش خەۋپى بار ئىكەن.

ئۇزۇن داۋاملاشقان يامغۇر شىمالدىكى تاغلىق رايونلاردىن سۈن لا ۋە لاۋ كايغا، شۇنداقلا مەركىزىي رايونلاردىن نەگې ئەنگە قەدەر يوللارنىڭ تاقىلىپ قېلىش، ئولتۇراق رايونلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ باشقا جايلارغا كۆچۈپ  كېش ئەھۋاللىرى ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

يامغۇر ۋە دامبا سۇلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىشى سەۋەبىدىن تېشىپ كەتكەن دەريالار شىمالدا كەڭ كۆلەملىك كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

 يەن بەيدىكى تاۋ دەرياسى تۈن بويى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە تېشىپ،  ئۆيلەرنى بىر مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇغا تولدۇرۇپ، كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇشقا سەۋەب بولدى.

 ئاپەتلەردە ئون نەچچە كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن كىشى يوقاپ كەتتى

 

پايتەخت خانويىدىكى نۇرغۇن كوچىلار سۇ ئاستىدا قالدى. دائىرىلەر قىزىل دەرياسىغا يېقىن جايدا ئولتۇراقلاشقان شەھەر ئاھالىلىرىنى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا چاقىردى.

دۆلەتلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنىگە قەدەر دائىرىلەر 8 بېلىقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يوقاپ كەتكەن 13 كىشىنى ئىزدەش – قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«بۇيالوي» تەيفېڭ بورىنى جۈمە كۈنىدىن باشلاپ فىلىپپىندا كەم دېگەندە 20 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.

تەيفېڭ بورىنى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ۋيېتنامغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، رايونغا ئۇزۇنغىچە داۋاملىق تەسىر كۆرسىتىپ، خەۋپ - خەتەرلەرنى كۆپەيتتى.

     مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، يەر شارى خاراكتېرلىك ھاۋا ئىسسىپ كېتىش بۇ خىل بوران - چاپقۇنلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق چىقىشىغا، يامغۇرنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېغىشىغا سەۋەب بولماقتا ئىكەن. چۈنكى ئوكيانلاردا ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى ئىسسىق بەلۋاغ بورانلىرىنى تېخىمۇ كۆپ يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەپ، قاتتىق شامال، قارا يامغۇر ۋە شەرقىي ئاسىيادىكى يامغۇر شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - ۋېيتنامدا «بۇۋالوي» ناملىق تەيفېڭ بورىنى 9 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

ئىزدىنىڭ
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
كىيېۋ يېڭى راكېتا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقىياسىدىكى ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «كېيىنكى ئۇچۇرغىچە» تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تورونتو كوچا فېستىۋالى يېقىنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى بىر يېشىنى تولدۇردى
ئىسپانىيە بېلگىيەنى مەغلۇب قىلدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭدىن ئاشتى
كىيېۋ پۇقرالىرى پارتلاش ئاۋازى بىلەن ئويغاندى