سومالىدا تۈركىيەنىڭ قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
سومالىدا تۈركىيەنىڭ قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدىسومالى خەلقى تۈركىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىگە بەرگەن زور مەدىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار تۈركىيەنىڭ چوڭ بىر بايرىقىنى ئاچتى.
سومالىدا تۈركىيەنىڭ قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

سومالى باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ۋە ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ناسرا بەشىر ئەلى، نامايىشقا ئائىت كۆرۈنۈشلەرنى ئۆزىنىڭ رەسمىي فېيسبۇك سەھىپىسىدە ھەمبەھرىلىدى.

ئەلى ئۆزىنىڭ ئۇچۇرىدا: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ سومالىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىغا ۋە دۆلىتىمىزنى قوللىشىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئوخشىمىغان جايلاردا نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە. رەھمەت سىزگە تۈركىيە!» دېگەن ئىبارىلەرنى قوللاندى.

ئېلان قىلىنغان كۆرۈنۈشلەردە، نۇرغۇنلىغان ئاياللارنىمۇ  ئۆز ئىچىگە ئالغان نامايىشچىلارنىڭ تەنتەربىيە زاللىرىنى تولدۇرغانلىقى، تۈركىيە ۋە سومالى بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋالغانلىقى كۆرۈلىدۇ. نامايىشچىلار تۈركىيەنىڭ چوڭ بىر بايرىقىنى ئېچىپ، تۈركىيەنىڭ سومالىغا قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدارلىقلىرىنى ئىپادىلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ