تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى سۇداندا «ئۇرۇش توختىتىش» ئېلان قىلدى
ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى سۇداندا «ئۇرۇش توختىتىش» ئېلان قىلدىتېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى سۇداندا ئۈچ ئايلىق «ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش» ئېلان قىلدى.
تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى سۇداندا «ئۇرۇش توختىتىش» ئېلان قىلدى / Reuters

تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ رەھبىرى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تارقىتىشنى قولايلاشتۇرۇش ۋە زوراۋانلىقنى تۈگىتىشكە قارىتىلغان خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارنى قوللاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سۇداننىڭ قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى بولغان تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى سۇدان ئارمىيەسى بىلەن بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۈچ ئايلىق «ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش» ئېلان قىلدى ۋە بۇ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ زوراۋانلىقنى تۈگىتىش ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئورگانلىرىنىڭ پائالىيەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش چاقىرىقلىرىغا قايتۇرۇلغان خەلقئارالىق ئىنكاس ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

 تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد ھەمدان داگالو بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان سىنلىق باياناتىدا، ئۆز قىسىملىرى ۋە ئىتتىپاقداش گۇرۇپپىلىرىنىڭ «بارلىق دۈشمەنلەرچە ھەرىكەتلەرنىڭ ئۈچ ئايغىچە توختىتىلىشىنى مەزمۇن قىلىدىغان ۋە دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغان بىر ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش» مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

داگالو تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم خادىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى بىخەتەرلىككە ئىگە قىلىش، زىيانغا ئۇچرىغان رايونلارغا توسالغۇسىز ياردەم يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، يەرلىك ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارغا تەۋە ئەسلىھەلەر - ئىسكىلاتلارنى قوغداش ھەمدە سەھىيە ۋە ياردەم ئەترەتلىرىنىڭ ئەركىن خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى تۆت دۆلەت گۇرۇھى ۋە ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تەكشۈرىدىغان بىر نەق مەيدان كۆزىتىش مېخانىزمى قۇرۇشنى تەستىقلىغانلىقىنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ پۇقرالارغا بىخەتەر يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان قوشۇمچە كومىتېتلارنىڭمۇ قۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

داگالو ئۇرۇش توختىتىشنىڭ سۇداندىكى توقۇنۇشتا «دۈشمەنلىكلەرنى تۈگىتىش ۋە كەڭ كۆلەملىك سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش يولىدىكى تۇنجى قەدەم» بولۇشى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئۇ، خەلقئارالىق قوللاش ۋە سۇدانلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك داخىل بولۇشىنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ۋە دۆلەتنى مۇقىم بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچقا يېتەكلەيدىغان سىياسىي مۇساپىنىڭ يولىنى ئاچىدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

داگالو كەلگۈسىدىكى ھەرقانداق بىر سىياسىي مۇساپىنىڭ «تېررورچى ئىسلامىي ھەرىكەت، مۇسۇلمان قېرىنداشلار، مىللىي قۇرۇلتاي پارتىيەسى ۋە بۇلارنىڭ (ئارمىيە ۋە ئىتتىپاقداش گۇرۇپپىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان) قالدۇقلىرىنى» سىرتتا قالدۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

 تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ بۇ باياناتىغا قارىتا سۇدان ئارمىيەسى دەرھال ئىنكاس قايتۇرمىدى.

يەكشەنبە كۈنى سۇدان ئۆتكۈنچى ئىگىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئابدۇلفەتتاھ ئەلبۇرھان ئامېرىكا، مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن تەشكىل تاپقان تۆت دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بىر تەكلىپىنى تەنقىد قىلغان، لېكىن ھۆججەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغانىدى.

تۆت دۆلەت گۇرۇھى 12 – سېنتەبىردە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنىڭ دەرھال يېتىپ بېرىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش ئۈچۈن، دەسلەپكى قەدەمدە ئۈچ ئايلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقى ئېلان قىلغانىدى. بۇ چاقىرىق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشقا يول ئېچىشنى نىشان قىلاتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالدىنقى ھەپتە ۋاشىنگتوننىڭ سۇداندىكى توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

2023 – يىلى ئاپرېلدىن بۇيان سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقلىرى ھازىرغىچە ئاخىرلاشتۇرالمىغان بىر توقۇنۇشقا ئايلاندى. توقۇنۇش مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە ۋە مىليونلىغان ئىنساننىڭ يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى.

تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ ئالدىنقى ئايدا رەھىمسىز مۇھاسىرە ۋە شىددەتلىك ھۇجۇملاردىن كېيىن دارفۇرنىڭ مۇھىم شەھىرى ئەلفاشىرنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىدىن بۇيان، توقۇنۇش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ دىققىتىنى تارتتى، ۋەقەلەر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ چىقىرىلىشىغا سەۋەب بولدى.

خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى تېز ياردەم بېرىش كۈچلىرىنىڭ 26 – ئۆكتەبىردە شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشىدىن بۇيان شىمالىي دارفۇرنىڭ مەركىزى ئەلفاشىردىن 106 مىڭدىن ئارتۇق پۇقرانىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق ئالىي سوت كېڭىشىنىڭ باشلىقى زەيداننى قوبۇل قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر مولدوۋا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئوسموچېسكۇ بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى كەركۈكتىكى  شېھىتگاھلىقنى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى
ئالىملار مېڭە سۈرئىتىدە ئىشلەيدىغان ئۆزەك ئىجاد قىلدى
ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەززەيدى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
ئەردوغان: كېڭەش دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇچۇر-ئالاقە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ
ئەردوغان: كېلەچەك ئىستىقبالنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان كۈچلۈك تەسەۋۋۇرنى روياپقا چىقىرىۋاتىمىز
ماكرون فىرانسىيەگە ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتكەن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى
ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلىتىدىغان رادىيونى تاقىۋەتتى
تۈركىيە ئىسپانىيەدىن كېيىن فىرانسىيەگىمۇ ئوت  ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتتى
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
پادىشاھ چارلىز كامبرىجدا تۈركىيەنىڭمۇ قوللىشى بىلەن سېلىنغان بىر جامەنى زىيارەت قىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان: ئۇكرائىناغا ناھايىتى نەتىجىلىك بىر زىيارەت ئېلىپ باردۇق
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئورتاق چۈشىنىش» ھۆججىتىگە ئىنكاس قايتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى