خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
سىسى: «ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىشقا قارىتىلغان قەستەن ئۇرۇنۇشلار بار»
مىسىر پىرېزىدېنتى سىسى ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىشقا قارىتىلغان «قەستەن ئۇرۇنۇشلار» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
سىسى: «ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىشقا قارىتىلغان قەستەن ئۇرۇنۇشلار بار»
سىسى: «ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىشقا قارىتىلغان قەستەن ئۇرۇنۇشلار بار» / AA

ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ «تولۇق» ئىجرا قىلىنىشىنى چاقىرىق قىلدى.

مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى شەنبە كۈنى ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىشقا قارىتىلغان «قەستەن تىرىشچانلىقلار» بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

سىسى سىنانىڭ ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 44  - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان تېلېۋىزىيە نۇتقىدا: «ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىشقا قارىتىلغان قەستەن تىرىشچانلىقلار ئىچىدە خەتەرلىك شارائىتلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ» دېدى.

سىسى ئۆتكەن ئۆكتەبىردە ھاسىل قىلىنغان غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ توسالغۇسىز كىرىشى ۋە پەلەستىن زېمىنلىرىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنىڭ دەرھال باشلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا «تولۇق» ئىجرا قىلىنىشى كېرەكلىكىنى چاقىرىق قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى يىللىق قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ جەمئىي 72 مىڭ 500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، رايوننى خارابىلىققا ئايلاندۇردى.

ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تۇنجى باسقۇچىدا ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى، ئەمما ئىسرائىلىيە ياردەملەرنى چەكلەش، رەفاھ چېگرا ئېغىزىدىن كىرىشنى چەكلەش ۋە نۇپۇس زىچ پەلەستىن زېمىنلىرىدىن چېكىنىشنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق قىلمىشلىرى بى؛ەن شەرتلەرگە خىلاپلىق قىلماقتا.

مىسىر پىرېزىدېنتى سىسى يەنە مىسىرنىڭ، پەلەستىنلىكلەرنى يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا قارىتىلغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇشنى كەسكىن رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israeli strikes kill 11 more Palestinians across Gaza amid ongoing ceasefire violations
ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ: ئىران مەسىلىسى ھەل قىلىنسا نېفىت باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
رۇسىيە كىيېۋدىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلدى، قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى