خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
نىيۇيورك شەھەر باشلىقى مامدانى ۋېنېزۇئېلا ھەرىكىتىگە قارشى چىقىپ ترامپقا تېلېفون قىلغانلىقىنى ئېيتتى
زوھران مامدانى مادۇرونىڭ قولغا ئېلىنىپ نىيۇيوركقا ئېلىپ كېلىنىشىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە ۋېنېزۇئېلا پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكادىكى جامائەتلەرنى خەۋپكە ئىتتىرىش تەھدىتى پەيدا قىلغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
نىيۇيورك شەھەر باشلىقى مامدانى ۋېنېزۇئېلا ھەرىكىتىگە قارشى چىقىپ ترامپقا تېلېفون قىلغانلىقىنى ئېيتتى
نىيۇيورك شەھەر باشلىقى مامدانى ۋېنېزۇئېلا ھەرىكىتىگە قارشى چىقىپ ترامپقا تېلېفون قىلغانلىقىنى ئېيتتى / AP

نىيۇيورك شەھەر باشلىقى زوھران مامدانى، دۆلەت رەئىسى نىكولاس مادۇرو ۋە رەپىقىسى سىلىيە فلورېسنىڭ كېچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت بىلەن تۇتقۇن قىلىنىشىدىن كېيىن، ۋېنېزۇئېلادىكى «ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» دەپ سۈپەتلىگەن بۇ قەدەمدىن يېنىش ئۈچۈن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا «بىۋاسىتە» تېلېفون قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان مامدانى: «بۇ ھەرىكەتكە قارشى ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن پىرېزىدېنتقا تېلېفون قىلدىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە سۆزلەشتىم» دېدى.

ئۆزىنىڭ قارشى تۇرۇشىنىڭ «ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» قا ھەمدە فېدېراتسىيە ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ ئىزچىل قوغدىلىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدىغان پىرىنسىپلىرىغا ئاساسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مامدانى، مەزكۇر قەدەملەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مامدانى ئەتىگەندە ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ مادۇرو ۋە رەپىقىسىنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامېرىكا ھەربىي ھەرىكىتىنى «بىر ئۇرۇش ھەرىكىتى» ۋە «ئوچۇق- ئاشكارە ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇش ئۇرۇنۇشى» دەپ ئاتىغان ئىدى.

مامدانى X سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ ھەرىكىتى ھەمدە مادۇرو بىلەن رەپىقىسى سىلىيە فلورېسنىڭ نىيۇيوركتا فېدېراتسىيە نازارىتى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك پىلانلار ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Live blog: US strikes Venezuela, topples Maduro

«ئىگىلىك ھوقۇقى بولغان بىر دۆلەتكە بىر تەرەپلىمە ھۇجۇم قىلىش، بىر ئۇرۇش ھەرىكىتىدۇر ھەمدە فېدېراتسىيە ۋە خەلقئارا قانۇنغا خىلاپتۇر» دېگەن مامدانى، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە خەتەرلىك بىر ۋەزىيەتنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىنىڭ پەقەت ۋېنېزۇئېلا بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن مامدانى، بۇنىڭ نىيۇيوركتا ياشايدىغان ئون مىڭلىغان ۋېنېزۇئېلالىققا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«مېنىڭ ئالدىنقى نىشانىم ئۇلارنىڭ ۋە ھەر بىر نىيۇيوركلۇقنىڭ بىخەتەرلىكى» دېگەن مامدانى، ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

مامدانىنىڭ بۇ باياناتلىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلادا «كەڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم» ئېلىپ بارغانلىقىنى، مادۇرو ۋە رەپىقىسىنىڭ قولغا ئېلىنىپ دۆلەت سىرتىغا چىقىرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. ترامپ كېيىنچە، بۇ ئىككەيلەننىڭ فېدېراتسىيە جىنايىتى بىلەن سوتلىنىش ئۈچۈن نىيۇيوركقا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - World reacts to US strikes on Venezuela and 'capture' of President Maduro
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدا پارتلاش يۈز بەردى. 8 كىشى يارىلاندى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش مۆلچەرىنى تۆۋەنلەتتى
ئىسرائىلىيە ھىندونېزىيەلىك ئۇچقۇچى بارلىقىنى سەۋەب قىلىپ ئايروپىلاننى قايتۇرىۋەتتى
ئايروپىلاندا قاندالا (چۇسا) ۋەھىمە ياراتتى، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيە شەرقىي دېڭىز تەرەپكە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتتى
نىگېرىيەدە سودىگەرلەر ئاپتوموبىل ئەترىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىنى نىشان قىلغان يېڭى ئېمبارگو قارارلىرىنى ماقۇللىدى
ئىران مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ئامېرىكانى «ئوت بىلەن ئويناشماسلىق»قا چاقىردى
پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئورتاق بايانات بىلەن ئەيىبلىدى
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى