خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ھاماس بارلىق پەلەستىن گۇرۇپپىلىرى بىلەن مىللىي دىيالوگقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس ئۆزىنىڭ غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە سادىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنى ئىنسانىي ۋەزىيەتنى سىياسىي قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلىدى.
ھاماس بارلىق پەلەستىن گۇرۇپپىلىرى بىلەن مىللىي دىيالوگقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
Signing of the "Beijing declaration" between Palestinian factions the Diaoyutai State Guesthouse in Beijing [File] / Reuters

ھاماس بارلىق پەلەستىن گۇرۇپپىلىرى بىلەن مىللىي دىيالوگ ئۆتكۈزۈش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ھاماس بۇ باياناتنى ئۆزىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن فەتىھ گۇرۇپپىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاھىرەدە مىسىرنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلدى. يىغىندا غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ۋە رايوننىڭ كەلگۈسى مۇزاكىرە قىلىندى.

ھاماس باياناتچىسى ھازىم قاسىم ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ھەرىكەتنىڭ «پەلەستىن مەمۇرىيىتى ۋە باشقا مىللىي كۈچلەر بىلەن سەمىمىي مىللىي دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە يۈزلەنگەنلىكى»نى بىلدۈرۈپ، مەمۇرىيەتنىڭ «نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان پەلەستىن ئورگانلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى»نى تەكىتلىدى.

قاسىم ئەمەلدارلارنى «غەززەدىكى نۆۋەتتىكى مىللىي يارىشىشقا ماسلىشىشقا ۋە دىيالوگقا ئوچۇق پىكىر بىلەن قاتنشىش»قا چاقىرىپ، «ۋاقىتنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋاقتى ئىكەنلىكىنى ھەمدە مەسىلىنى تار مەنىدىكى پارتىيە مەنپەئەتلىرىدىن ئۈستۈن تۇتۇپ، دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكى»نى قەيت قىلىپ: «ھازىرقى مەزگىل پەقەت ھاماس ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتىكى بارلىق پەلەستىن خەلقى ئۈچۈن خەتەرلىك» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ھاماس باياناتچىسى ھەرىكەتنىڭ ئۆزىنى غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى «بارلىق تەپسىلاتلىرى بىلەن» ئىجرا قىلىشقا تولۇق قاراتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى ھەمدە ۋاسىتىچىلەرنى ئىسرائىلىيەنىڭ كېلىشىمگە ئەمەل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بېسىم قىلىشقا چاقىردى.

قاسىم ھاماسنىڭ «كېلىشىمنى تاماملاش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ۋە كېلىشىلگەن مەزمۇنلارنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن مەيداندا مۇھىم قەدەملەرنى باسقانلىقى»نى ئېيتتى.

ئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ھاماس تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتاردىن ئېنىق كاپالەتلەرنى، ئامېرىكادىن بىۋاسىتە كاپالەتلەرنى ئالغان. بۇ كاپالەتلەر «ئۇرۇشنىڭ ئەمەلىي جەھەتتىن ئاخىرلاشقانلىقى»نى ۋە كېلىشىم شەرتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنىڭ «بۇ ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىلگەنلىكى»نى كۆرسىتىدىكەن.

قاسىم ھاماسنىڭ ھايات قالغان ئەسىرلەر ۋە جەسەتلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق بىرىنچى باسقۇچنى تاماملىغانلىقىنى ۋە قالغانلارنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىككىنچى باسقۇچ

قاسىم ئىككىنچى باسقۇچنىڭ «ۋاسىتىچىلەر بىلەن تېخىمۇ كۆپ مۇنازىرە ۋە چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىدىغانلىقى»نى بىلدۈرۈپ، «بۇ باسقۇچنىڭ كەڭ دائىرىلىك تېمىلارنى ۋە ئەتراپلىق ئۇسۇللارنى تەلەپ قىلىدىغان مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى»نى بىلدۈردى.

ئۇ ھاماسنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ «غەززە رايونىدىكى پەلەستىن خەلقىگە قارشى ئۇرۇشنى تولۇق ۋە مەڭگۈلۈك ئاخىرلاشتۇرۇش» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

قاسىم يەنە، ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى ھەققىدە ۋاسىتىچىلەرنى داۋاملىق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولغاندىن بۇيان 90 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ھەمدە «رەفاھ چېگرا ئېغىزىنى تاقاق تۇتۇش ئارقىلىق يېتەرلىك ياردەمنىڭ كىرىشىنى توسقانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئۇ ئىسرائىلىيەنى «ئىنسانىي ۋەزىيەتنى سىياسىي سودىلىشىشنىڭ كوزۇرى سۈپىتىدە ئىشلىتىش» بىلەن ئەيىبلىدى ھەمدە بۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ «غەززەنى قامال قىلغان ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان قوللىنىپ كەلگەن بىر خىل ئۇسۇلى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

قاسىم يەنە، غەززەگە جىددىي ياردەم يەتكۈزۈش ۋە قايتا ئاچارچىلىق خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار