تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قويۇق دىپلوماتىك پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە ئاستانادىكى ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن، تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى (TDT) نىڭ غەيرىي رەسمىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا زىيارەتتە بولىدۇ / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننىڭ قازاقىستان زىيارىتى پايتەخت ئاستانادىن باشلىنىدۇ.

مۇستەقىللىق سارىيىدا قازاقىستان جۇمھۇر رەئىسى قاسىم جۆمەرت توكايىۋ بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن، مەنسەپدىشى بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە-قازاقىستان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

ئۇچرىشىشتا، «كېڭەيتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك» سەۋىيەسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ھەر تەرەپلىمە باھالىنىدۇ ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە قارىتىلغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

سودا سوممىسىدىكى نىشان 15 مىليارد دوللار

زىيارەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرىپىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بېكىتىلگەن 15 مىليارد دوللارلىق سودا سوممىسى نىشانى ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرى ئالدىنقى قاتاردىكى كۈنتەرتىپ ماددىلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ دائىرىدە، ھەر خىل ساھەلەردە يېڭى ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالىنىشى كۈتۈلمەكتە. بۇنىڭدىن باشقا، ئەردوغان بىلەن توكايىۋنىڭ تۈركىيە-قازاقىستان سودا مۇنبىرىگە قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەت سودىگەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشى ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرىنى باھالىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى پايتەختىدە رەھبەرلەر يىغىنى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانادىكى زىيارىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەنىۋى پايتەختى تۈركىستانغا بارىدۇ. بۇ يەردە تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي رەسمىي رەھبەرلەر باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

ئەردوغاننىڭ يىغىن دائىرىسىدىكى نۇتۇقىدا ئوتتۇرا شەرقنىڭ نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، رايونلۇق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھىم سىگناللارنى بېرىشى كۈتۈلمەكتە. يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنىمۇ ئېلىپ بارىدۇ.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى
پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، يەتتە كىشى قازا قىلدى
ئىران-ئىسرائىلىيە سۈركىلىشى قايتىدىن كۈچەيدى
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئارىزوناغا يېتىپ باردى
مىنىستىر فىدان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى
شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىدىن بۇرۇن شىمالىي كورېيە: «يادرو پىلانىمىز مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ» دېدى
ئامېرىكا ئىرانغا تەۋە ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى
جەۋدەت يىلماز شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى كوماندىسىنى تەبرىكلىدى