خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا «يېڭى تۈزۈم چىقىرىپ» سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنى رەت قىلىشنى تېزلىتىشنى پىلانلىماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭى «بىخەتەر دۆلەت» تۈزۈمى ئارقىلىق سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنى رەت قىلىشنى تېزلىتىشنى نىشانلىماقتا.
ياۋروپا «يېڭى تۈزۈم چىقىرىپ» سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنى رەت قىلىشنى تېزلىتىشنى پىلانلىماقتا
Yawropa Ittipaqi yéngi bixeter dölet ramkiliri bilen iltija ret qilishni tezroq qilishqa yönelmekte. / Reuters

يېڭى كۆچمەنلەر قانۇنى پاناھلىققا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن دەپ قارالغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تېخىمۇ تېز ۋە ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپلىرىنى يولغا قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئىتتىپاقنىڭ سىياسىي پاناھلىق سىستېمىسىنى چىڭىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىككى تۈرلۈك ئاساسىي قانۇن لايىھەسىگە ئالاقىدار مۇزاكىرە مەيدانىنى دۈشەنبە كۈنى بېكىتتى. بۇ قارارلار قوبۇل قىلىنىش ئېھتىماللىقى تۆۋەن دەپ قارالغان ئىلتىماسلارنىڭ تېخىمۇ تېز رەت قىلىنىشىغا يول ئاچىدۇ.

بولۇپمۇ «بىخەتەر ئۈچىنچى دۆلەت» ئۇقۇمىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلار ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى مىقياسىدا تۇنجى قېتىم «بىخەتەر كېلىش مەنبەسى دۆلەتلىرى» تىزىملىكىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «2024-يىللىق كۆچمەنلەر ۋە سىياسىي پاناھلىق ئەھدىنامىسى» نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى ھەل قىلغۇچ بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

كېڭەشنىڭ «بىخەتەر ئۈچىنچى دۆلەت» ئۇقۇمىغا قاراتقان تۈزىتىلمە لايىھەسىگە ئاساسەن، ئەزا دۆلەتلەر سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسلىرىنى مەزمۇن جەھەتتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئولتۇرماستىنلا رەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ھوقۇققا ئىگە بولىدۇ.

يېڭىلانغان قائىدىلەر «بىخەتەر ئۈچىنچى دۆلەت» ئۇقۇمىنى ئىجرا قىلىشتا تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يولنى ئوتتۇرىغا قويدى:

ئىلتىماس قىلغۇچىنى قايتۇرۇۋېتىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئۈچىنچى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بولۇش مەجبۇرىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۈچىنچى دۆلەتتىن (تىرانزىت) ئۆتكەن بولۇشىنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك دەپ قارىلىدۇ.

سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ بەلگىلەنگەن «بىخەتەر ئۈچىنچى دۆلەت»تە تەكشۈرۈلۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر كېلىشىم ياكى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. (بۇ شەرت ئىگە-چاقىسىز بالىلارغا قويۇلمايدۇ).

سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىدىكى يېڭى بەلگىلىمىلەر ۋە بىخەتەر دۆلەت تىزىملىكلىرى

«بىخەتەر ئۈچىنچى دۆلەت» قائىدىسى بويىچە ئىلتىماسى رەت قىلىنغانلار، نارازىلىق ئەرزى (شىكايەت) سۇنغان تەقدىردىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇش ھوقۇقىدىن ئاپتوماتىك مەھرۇم قالىدۇ؛ پەقەت سوتتىن ئالاھىدە رۇخسەت تەلەپ قىلىش يولىلا ئوچۇق قالىدۇ.

بۇنىڭغا ماس ھالدا، كېڭەش زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپى تۆۋەن دەپ قارالغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى تېز بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، ياۋروپا ئىتتىپاقى دەرىجىلىك تۇنجى «بىخەتەر كېلىش مەنبەسى دۆلەتلىرى» تىزىملىكىنى تەستىقلىدى.

«كۆچمەنلەر ۋە سىياسىي پاناھلىق ئەھدىنامىسى» نىڭ بىر قىسمى بولغان بۇ تىزىملىككە باڭلادىش، كولومبىيە، مىسىر، ماراكەش، كوسوۋو، ھىندىستان ۋە تۇنىس قاتارلىق دۆلەتلەر كىرگۈزۈلدى. بۇ دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر چېگرا ياكى تىرانزىت رايونلىرىدىلا تېزلىتىلگەن تەرتىپ بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

كېڭەشنىڭ قارارىغا كۆرە، ئەگەر بۇ دۆلەتلەردىكى ۋەزىيەت ناچارلاشسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيەسىنىڭ ئۇلارنىڭ «بىخەتەر دۆلەت»لىك سالاھىيىتىنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن توختىتىپ تۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەزا دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تىزىملىكىگە كىرمىگەن دۆلەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي تىزىملىكىدە ساقلاپ قېلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

ئىزدىنىڭ
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى