خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
سۈرىيە بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيئەتلىرى رايوندىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئىيوردانىيەدە كۆرۈشتى. سۆھبەتتە گولان ئېگىزلىكىنىڭ ئاخىرقى سالاھىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشقا تېخى بالدۇر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
(ئارخىپ) سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسرائىلىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئىئوردانىيەدە كۆرۈشتى

سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى مەنبەلەرنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى SANA  خۋەر ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسئەد ھەسەن شەيبانى رىياسەتچىلىكىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سۈرىيە ھەيئىتى بىلەن ئىسرائىلىيە ھەيئىتى ئىيوردانىيەدە كۆرۈشكەن.

ئۇچرىشىش ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن سۈرىيە زېمىنىدا كۈچىيىپ كەتكەن جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش، شۇنداقلا سۈرىيە ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوللاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

سۈرىيە ئومۇمىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ۋە ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىرىمۇ قاتناشقان سۆھبەتتە، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرى ۋە نىشانلىق زەربىلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن ئەمەلىي مېخانىزم ئورنىتىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سۆھبەت مۇساپىسىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك كېلىشىمگە ئاساس سالىدىغان بىخەتەرلىك كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ئىكەنلىكى، دۆلەت مەنپەئەتىگە ئاساسەن مىللىي ئارمىيەسىنى قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، شۇنداقلا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا تولۇق ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

سۈرىيەنىڭ بۇ ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى چەكلەيدىغان ھەرقانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى مېخانىزمىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇچرىشىشتا، سۈرىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى گولان ئېگىزلىكىنى ئۆز زېمىنى دەپ قارايدىغان مەيدانى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى. گولاننىڭ ئاخىرقى سالاھىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشقا تېخى بالدۇر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا يەنە، نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىنىڭ ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنى 2024-يىلى 8-دېكابىر، يەنى سابىق ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى چېگرالارغا چېكىندۈرۈش، 1974-يىلدىكى «كۈچلەرنى ئايرىش كېلىشىمى»نى قايتىدىن يولغا قويۇش ۋە تولۇق ئىجرا قىلىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار