سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
باڭلادېش ھىندىستانلىق سىياسەتچىنىڭ باڭلادېشقا ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەۋەتىش چاقىرىقىنى ئەيىبلىد
باڭلادېش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەۋھىد ھۈسەيىن، ھەسىنا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغىنىدىن بۇيان ھىندىستان تەرىپىدىن دۆلەت رەھبەرلىكىگە قارىتىلغان ئەڭ چوڭ تەنقىدلەردىن بىرى دەپ قارالغان بۇ ئەھۋالدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
00:00
باڭلادېش ھىندىستانلىق سىياسەتچىنىڭ باڭلادېشقا ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەۋەتىش چاقىرىقىنى ئەيىبلىد
باڭلادېش ھىندىستانلىق سىياسەتچىنىڭ باڭلادېشقا ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەۋەتىش چاقىرىقىنى ئەيىبلىدى / AFP

باڭلادېش ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قوشنا دۆلەت ھىندىستاندىكى بىر سىياسەتچىنىڭ باڭلادېشتىكى ھىندىلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى زوراۋانلىق ھۇجۇملىرىدىن قوغداش ئۈچۈن باڭلادېشقا ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەۋەتىش چاقىرىقىغا دۈشەنبە كۈنى ھەيرانلىق ئىلكىدە ئىنكاس قايتۇردى.

باڭلادېشتا ئاۋغۇست ئېيىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە پارتلىغان بىر قوزغىلاڭ ئۇدا 15 يىل مۇشتۇمزورلۇق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن باش مىنىستىر شەيخ ھەسىنانىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن نەتىجىلەندى.

ھەسىنانىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىنكى قالايمىقان سائەتلەردە، ھەسىنا ھۆكۈمىتىنى قوللىغان دەپ قارالغانلارغا قارىتىلغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرى ئاز سانلىق ھىندى جامائىتى نىشان قىلىنغان بىرقانچە ھۇجۇمنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولدى. ھىندى جامائىتىنىڭ مەسئۇللىرى تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئىپادىلىمەكتە.

ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال ئۆلكىسىنىڭ باش مىنىستىرى ماماتا بانېرجى — باڭلادېش بىلەن قويۇق مەدەنىيەت ۋە تىل مۇناسىۋىتى بار بولغان ئۆلكە — دۈشەنبە كۈنى يېڭى دېھلىنى ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ب د ت گە مۇراجىئەت قىلىشقا چاقىردى.

 «ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمى باڭلادېشقا ئەۋەتىلىشى كېرەك، چۈنكى تىنچلىق ساقلاش قىسمى باڭلادېشتىكى خەلقىمىزنى قۇتقۇزالىشى مۇمكىن» دېدى بانېرجى.

 «ئۆزئارا مەنپەئەتلەر»

 باڭلادېش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەۋھىد ھۈسەيىن، ھەسىنا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغىنىدىن بۇيان ھىندىستان تەرىپىدىن دۆلەت رەھبەرلىكىگە قارىتىلغان ئەڭ چوڭ تەنقىدلەردىن بىرى دەپ قارالغان ئەھۋالدىن قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۈسەيىن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ماماتا بانېرجىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق بىر بايانات بەرگەنلىكىنى بىلمەيمەن، بۇنىىڭ تېگى – تەكتىنى چۈشىنىپ يېتەلمەيمەن. ئۇنىڭ بىلەن شەخسەن تونۇشىمەن، ئۇنى ئۆيىدە بىرقانچە قېتىم زىيارەت قىلغان ئىدىم.»

تەۋھىد ھۈسەيىن ھىندىستان تاراتقۇلىرىنى باڭلادېشتىكى ھىندىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خاتا ئۇچۇر تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىدى، ئەمما قوشنا دۆلەت ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ كېلىشتۈرگۈچى بىر سىگنال يوللاپ مۇنداق دېدى:

 «ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ئۆزئارا مەنپەئەتلەر قوغدىلىشى كېرەك، باڭلادېش ھىندىستان بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.»

ھەسىنا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، دېموكراتىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان ۋاقىتلىق ئىچكى كابىنېتنىڭ بىر ئەزاسى بولغان تەۋھىد، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ھەققىدىكى چۈشىنىشمەسلىكلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن باشقا چەت ئەللىك دىپلوماتلار بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى.

170 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە باڭلادېشتا خەلقنىڭ ئومۇمىي مايىللىقى ھەسىنانىڭ ئاساسلىق خەلقئارالىق قوللىغۇچىسى بولغان ھىندىستانغا قارشى سەلبىي يۆنىلىشتە شەكىللەنمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا