خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ۋاسىتىلىك سۆھبەتلىرىنىڭ قايتا باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى
پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئىسرائىلىيە بىلەن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى تېما قىلغان ۋاسىتىلىك سۆھبەتنىڭ قايتا باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ۋاسىتىلىك سۆھبەتلىرىنىڭ قايتا باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىل قوشۇنلىرى، بەيرۇتنىڭ جەنۇبىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى / AA

ھاماس يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «دوھادا ۋاسىتىلىك سۆھبەت قايتا باشلاندى. بۇ قېتىملىق سۆھبەت تولۇق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، ئىشغالىيەتچى كۈچلەرنىڭ غەززەدىن چېكىنىشى ۋە يۇرتىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشى قاتارلىقلارغا مەركەزلىشىدۇ» دېدى.

باياناتتا يەنە، ھاماسنىڭ سەمىمىي ۋە ئىجابىي پوزىتسىيە بىلەن پەلەستىن خەلقىنىڭ تەلەپلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى، كېلىشىمنىڭ نىشانىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىرقىي تازىلاش ئۇرۇشىنى توختىتىش ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

تۈنۈگۈن، ئىسرائىلىيە سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ ھاماس بىلەن ۋاسىتىلىك ئەسىر ئالماشتۇرۇش سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قاتارنىڭ پايتەختى دوھاغا بارىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ موسساد ۋە ئارمىيە ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ دوھاغا بېرىشىغا قوشۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ئىسرائىلىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھاماس بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزمەسلىك بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

نېتانياھۇ 20-دېكابىردا ئامېرىكانىڭ «The Wall Street Journal» گېزىتىگە بايانات بېرىپ: «ھاماس پۈتۈنلەي يوقىتىلغۇچە ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى، ھاماسنىڭ ئىسرائىلىيە چېگرالىرىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەنىدى.

غەززەدە 101 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرنىڭ بارلىقى، بۇلارنىڭ كەم دېگەندىمۇ ئۈچتىن بىرىنىڭ ئۆلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

ئىزدىنىڭ
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا