پاناما پىرېزىدېنتى جوسې راۋۇل مۇلىنو جۈمە كۈنى (2026-يىلى 9-ئۆكتەبىر) دىكى يەر تەۋرەشنى «چوڭ ئاپەت» دەپ ئاتىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزى ئەتراپىدىكى يوللار يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان. ھۆكۈمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەخمىنەن بىر مىنۇت داۋاملاشقان بۇ يەر تەۋرەش 4.5 مىليون نوپۇسلۇق دۆلەتنىڭ ھەممىلا يېرىدە ھېس قىلىنغان. پايتەختتىكى ئېگىز بىنالاردا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەر قورقۇنچ ئىچىدە سىرتقا قاچقان.
ئامېرىكا گېئولوگىيە ئىدارىسى يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ خېرېرا ئۆلكىسىدىكى پىتالوزا ئاررىبا بازىرىدىن 10 كىلومېتىر يىراقلىقتا ئىكەنلىكىنى ۋە كۈچىنىڭ 7.7 بال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. تىنچ ئوكياننىڭ شەرقىي قىسمى ئۈچۈن چىقىرىلغان دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشى بىكار قىلىندى. پاناما قانىلىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تىنچ ئوكيان ۋە ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان قانالنىڭ نورمال ئىشلەۋاتقانلىقىنى ۋە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پاناما سەھىيە مىنىستىرى فېرناندو بويدنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە خېرېرا، كوكلې ۋە لوس سانتوس
تەۋسىيە
















