خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا سان پاۋلو شەھىرىدىكى بىر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، دونالد ترامپنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان بارلىق يۈكلەردىن يۈزدە 20 ئۆتۈش ھەققى ئېلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
(ئارخىپ) لۇلا دا سىلۋا ترامپنى قاراقچىلىق بىلەن ئەيىبلىدى

لۇلا دا سىلۋا «ئۇزۇن مەزگىل دېڭىز قاراقچىلىقىغا قارشى كۈرەش قىلغان ئامېرىكاغا ئوخشاش مۇھىم بىر دۆلەت ئەمدىلىكتە ئۆزى بىر قاراقچىغا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ يەردىن باج ئېلىشقا ئوخشاش بىر ھوقۇقى يوق. ھورمۇز بوغۇزىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئامېرىكاغا تەۋە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكانىڭ ئىرانغا 28-فېۋرالدا قىلغان ھۇجۇمىدىن ئىلگىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ دېڭىز قاتنىشىغا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن لۇلا دا سىلۋا، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاپەتلەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ بۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

لۇلا دا سىلۋا يېقىن شەرقتە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «ئۇرۇشنىڭ بەدىلى داستىخانلاردا كۆرۈلۈۋاتىدۇ. نېفىت باھاسى ئۆسكەنسېرى پۇرچاق، گۈرۈچ، پەمىدۇر ۋە پىيازنىڭ باھاسىمۇ ئۆرلەۋاتىدۇ» دېدى.

ئەسلىدە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدا ئىرانغا قارىتىلغان دېڭىز قامىلىنىڭ قايتىدىن يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، رايوندىكى بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش چىقىمىنى تىلغا ئالغان شۇنداقلا «دۇنيانىڭ ئىنتايىن مۇقىمسىز بولغان بۇ رايونىدا بىخەتەرلىك بىلەن ئامانلىقنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق چىقىملار دائىرىسىدە بوغۇزدىن ئۆتىدىغان بارلىق يۈكلەردىن يۈزدە 20 نىسبىتىدە ئۆتۈش ھەققى ئېلىنىدۇ» دېگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 125 كە يەتتى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا