تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
بايراقتار: «تۈركىيە يادرو ئېنېرگىيەسى بەرپا قىلىشقا مەجبۇر»
بايراقتار: «تۈركىيە يادرو ئېنېرگىيەسى بەرپا قىلىشقا مەجبۇر، كاربون قويۇپ بېرىش بولمىغان شەكىلدە توك چىقىرىشنىڭ يوللىرىدىن بىرى دەرۋەقە بۇدۇر» دېدى.
بايراقتار: «تۈركىيە يادرو ئېنېرگىيەسى بەرپا قىلىشقا مەجبۇر»
بايراقتار: «تۈركىيە يادرو ئېنېرگىيەسى بەرپا قىلىشقا مەجبۇر»

مىنىستىر بايراقتار لوندون كېلىمات ھەرىكىتى ھەپتىلىكى دائىرىسىدىكى ئۇچرىشىشلىرى جەريانىدا، تۈركىيەنىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسىدا «نۆل تاشلاندۇق ۋەقىپى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇچۇر بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراقتار تۈركىيەنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەگە ئۆزگىرىش ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشى دائىرىسىدە ئۈچ ئاساسلىق مەسىلىگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇلارنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە مۇستەقىللىقى ۋە 2050-يىللارنىڭ بېشىغىچە كاربون نېيتىرال (كاربون قويۇپ بېرىش نۆلگە چۈشكەن) ئىقتىساد نىشانى دەپ رەتلەپ چىقتى.

بايراقتار سۆزىدە، يېقىنقى يىللاردىن بىرى دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئېنىقسىزلىق ۋە توقۇنۇشلارنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە تۈپتىن ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، يېقىن شەرقتىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاخىرقى كرىزىسنىڭمۇ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى.

بايراقتار بۇ كرىزىستا ئېنېرگىيە تەمىناتىنى ھورمۇز بوغۇزىدىن ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئوخشىمىغان تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىنى، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭمۇ پۇقرالىرىنى ئۆرلەپ كېتىۋاتقان باھالاردىن قوغداش ئۈچۈن مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ھەر بىر دۆلەتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئامىللىرىدىن بىرىدۇر. دۇنيا ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ئېلېكترلىشىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە. بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 31 - نۆۋەتلىك يىغىنىنىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئېلېكترلىشىشتۇر. ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى سەرپىياتى كەلگۈسى مەزگىللەردە، بولۇپمۇ سۈنئىي ئەقىل ۋە سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى، توكلۇق ئاپتوموبىللار شۇنداقلا سوۋۇتۇش مەنبەلىرى سەۋەبىدىن ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارىدۇ.»

بايراقتار بۇ مۇساپىدە يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭمۇ تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن ھالقىلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «تۈركىيە يادرو ئېنېرگىيەسى بەرپا قىلىشقا مەجبۇر، كاربون قويۇپ بېرىش بولمىغان شەكىلدە توك چىقىرىشنىڭ يوللىرىدىن بىرى دەرۋەقە بۇدۇر» دېدى.

ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ بۇ ئۈچ مەسىلىگە بىرلا ۋاقىتتا چارە ئىزدەش بىلەن بىرگە، كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن بارلىق سۈرئىتى بىلەن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئېنېرگىيە ئۈنۈمدارلىقى نۇقتىسىدىن تېخىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدىغان ساھەلەرگە مەكەزلىشىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى