سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: غەززەگە مىلياردلارچە دوللار ياردەم قىلىنىدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ نىيۇيوركتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان ب د ت 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا سۆز قىلدى.
ترامپ: غەززەگە مىلياردلارچە دوللار ياردەم قىلىنىدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 81-نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭىشىدە نۇتۇق سۆزلىمەكتە.

ترامپ سۆزىنىڭ بېشىدا ئامېرىكانىڭ ئىچكى سىياسىتى ۋە ئىقتىسادى ھەققىدە ئۇزۇن توختىلىپ، يېقىنلىشىۋاتقان كونگىرېس سايلىمىدىن ئىلگىرى ئۆز سايلىغۇچىلىرىغا ئۇچۇر بەردى.

ترامپ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولغاندىن بۇيان سەككىز ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رۇسىيە—ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش، غەززەدىكى ئىنسانىي كىرىزىس ۋە باشقا رايونلاردىكى توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپنىڭ قارىشىچە، ئىران بىلەن كېلىشىم 3-نويابىردىكى سايلامدىن كېيىن ھاسىل بولىدۇ

ترامپ ئىران مەسىلىسىدە ئىلگىرىكى بايانلىرىنى زور دەرىجىدە تەكرارلاپ: «(3-نويابىردىكى) سايلامدىن كېيىنلا ئىران بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلماسلىقى ئەقىلگە سىغمايدۇ» دېدى.

ترامپ ئىراننىڭ ئۆزىنىڭ سايلامدىن قانداق نەتىجە بىلەن چىقىدىغانلىقىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ سايلامغا قاتناشمايدىغانلىقىنى، پەقەت جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رىقابەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئىران بىلەن كېلىشىم تۈزۈش ياكى ئىراننى «يوقىتىش» ھەققىدە قارار چىقىرىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ترامپ ئىران بىلەن بولغان كىرىزىسنى «قانداقلا بولمىسۇن» ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى، بۇ ئىشنى «تېز» بىر تەرەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

«غەززەگە مىلياردلارچە دوللار ياردەم قىلىنىدۇ»

ترامپ تۈركىيەنىڭ غەززە ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى تىلغا ئېلىپ، توپلانغان پۇلنىڭ ۋاقتى كەلگەندە غەززەنى قايتا قۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ۋە دۆلەتلەرنىڭ ناھايىتى مەرتلىك قىلغانلىقىنى ئېيتتى:

«غەززە تىنچلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياردەم خىزمەتلىرىگە قوشقان مىلياردلارچە دوللار تۆھپىسى ئۈچۈن مىننەتدارمىز. بۇ پۇللار بىۋاسىتە غەززەنى قايتا قۇرۇش ۋە ياردەم خىزمەتلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ. ماراكەش، بەھرەين، قاتار، كۇۋەيت، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەت تۆھپە قوشتى. بۇ دۆلەتلەر ناھايىتى مەرتلىك قىلدى.»

ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان سەككىز ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پەخىرلىنىش مەنبەسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ كەلگەن پۇللارنىڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا يېتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنىڭ توغرا ئېلىپ بېرىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى ۋە مىلياردلارچە دوللار ياردەمنىڭ غەززەگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«رۇسىيە—ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز»

ترامپ رۇسىيە—ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇرۇشنىڭ توختىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ھەمكارلىشىۋاتىمىز، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىمىز» دېدى.

«كۇبادىكى ھاكىمىيەت يىمىرىلىدۇ»

ترامپ ئامېرىكانىڭ لاتىن ئامېرىكاسى مەسىلىسىدىمۇ جىددىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۇبادىكى ھاكىمىيەتنىڭ چوقۇم مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپ: «كوممۇنىست تۈزۈم زور بېسىم ئاستىدا قالغان كۇبادىكى ۋەزىيەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنىمۇ نىشان قىلىۋاتىمىز. كۇبا مەغلۇپ بولغان بىر دۆلەت. كۇبا يىمىرىلىۋاتىدۇ ۋە يىمىرىلىدۇ» دېدى.

ترامپ بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا زالدا ئولتۇرغان كۇبا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن زالدىن چىقىپ كەتتى.

ئامېرىكا گىرېنلاندتا ئىككى ھەربىي بازا قۇرىدۇ

ترامپ دانىيە ۋە گىرېنلاند بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىم دائىرىسىدە گىرېنلاندتا ھەربىي كۈچ تۇرغۇزىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپ: «گىرېنلاندنىڭ مۇۋاپىق جايلىرىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي كۈچ تۇرغۇزۇش مۇساپىسىنى دەرھال باشلايمىز. ئۇ يەردە ئىنتايىن چوڭ ئىككى ھەربىي بازا قۇرىمىز» دېدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى