ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتىتۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى يورگوس فىلورىدىس بىلەن توردا كۆرۈشۈپ، ئەدلىيە ھەمكارلىقى ۋە جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك، گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى يورگوس فىلورىدىس بىلەن ۋىدېيو يىغىنى ئۆتكۈزدى. مىنىستىر گۈرلەك ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۆھبەتنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى ۋە ئەدلىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۆزدىن كەچۈرگەبنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇلار سۆھبەتتە ئەدلىيە ساھەسىدىكى ياردەملىشىش، چېگرا ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قارشى كۈرەش ۋە جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى. گۈرلەك جىنايەتچىلەرنىڭ قەيەرگە قېچىشىدىن قەتئىينەزەر ئادالەت ئالدىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشىدا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، گىرېتسىيەدە پاناھلىنىۋاتقان تۈرلۈك جىنايى گۇرۇھ كاتتىباشلىرىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئىككى مىنىستىر ئۆزئارا ئىشەنچ ئاساسىدا ئەدلىيە ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈشكە پۈتۈشتى.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى