غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئىشغال قىلىش پىلانىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ئورتاق باياناتتا ئىشغالىيەت رەت قىلىنىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكىتى «قانۇنسىز ئىشغالىيەتنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش» دەپ ئاتالدى.
ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئىشغال قىلىش پىلانىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئىشغال قىلىش پىلانىنى قاتتىق ئەيىبلىدى / AA

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى (PQHKK) ۋە ئەرەب بىرلەشمىسى مىنىستىرلار كومىتېتى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىش پىلانىنى ئەيىبلىدى.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ۋە ئەرەب بىرلەشمىسى مىنىستىرلار كومىتېتى (غەززە ئالاقە گۇرۇپپىسى) تەرىپىدىن شەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى تولۇق ھەربىي ئىشغال قىلىش پىلانى «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، ئېغىر دەرىجىدىكى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈش ۋە ئىشغالىيەتنىڭ داۋاملاشتۇرۇش» دەپ تەسۋىرلىنىپ، كۈچلۈك رەت قىلىندى.

بۇ بايانات تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، بەھرەيىن پادىشاھلىقى، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى، ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتى، ئىئوردانىيە ھاشىمى پادىشاھلىقى، نىگېرىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى، پەلەستىن دۆلىتى، قاتار دۆلىتى، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى، شۇنداقلا بېنگال خەلق جۇمھۇرىيىتى، چاد جۇمھۇرىيىتى، جىبۇتى جۇمھۇرىيىتى، گامبىيە جۇمھۇرىيىتى، كۇۋەيت دۆلىتى، لىۋىيە دۆلىتى، مالايسىيا، ماۋرىتانىيە ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، ئومان سۇلتانلىقى، پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، سومالى فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى، سۇدان جۇمھۇرىيىتى، بىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرى ۋە يەمەن جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، ئىشغال قىلىش قارارىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ۋە قانۇنسىز ئىشغالىيەتنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، بۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق قانۇنلۇق قارارلارغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئىپادىلەندى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ۋە پەلەستىن زېمىنىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «قىرغىنچىلىق، ئاچ قويۇش، مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، زېمىننى قوشۇۋېلىش ۋە كۆچمەنلەر تېرورلۇقى» نىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەرەپكە دىققەتلەر تارتىلىپ، بۇ خىلاپلىقلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكى ئاگاھلاندۇرۇلدى.

«دەرھال توختىتىلىشى كېرەك»

باياناتتا، مەزكۇر سىياسەتلەرنىڭ تىنچلىق پۇرسىتىنى يوققا چىقىرىۋاتقانلىقى ۋە رايونلۇق ھەم خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ۋە غەربىي قىرغاق بىلەن شەرقىي قۇددۇستىكى ئېغىر خىلاپلىقلىرىنى «دەرھال توختىتىش» قا چاقىرىق قىلىنىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ شەرتسىز ۋە جىددىي ھالدا غەززەگە يەتكۈزۈلۈشى تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا يەنە، مىسىر، قاتار ۋە ئامېرىكانىڭ باشلامچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، بۇلارنىڭ ئىنسانىي كرىزىسنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن مۇھىم قەدەملەر ئىكەنلىكى ئىپادىلەندى.

غەززەنى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن پىلانلانغان ئەرەب-ئىسلام ئورتاق ھەمكارلىقىنى جىددىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر قايتا قۇرۇش يىغىنىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلىنىپ، پەلەستىن خەلقىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئورتاق باياناتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە سادىر قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە تولۇق مەسئۇل ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىپ، بولۇپمۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى قاتارلىق بارلىق تەرەپلەرنى بۇ مەسىلىدە قانۇنىي ۋە ئىنسانىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Türkiye, Egypt join efforts on regional crises, reject Gaza occupation plan

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى