خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە يەنە بىر قېتىم لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى نەباتىيە ئەلفەۋقاغا يېقىن ئەلى ئەتتاھىر ئورمانلىق رايونى ۋە زاۋتار ئەششەرقىيە بىلەن مەيفەدۇن ئارىلىقىدىكى بىر جاينى بومباردىمان قىلدى.
ئىسرائىلىيە يەنە بىر قېتىم لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
(ئارخىپ سۈرىتى) 2026-يىلى 26-ئاۋغۇست، ئىسرائىلىيەنىڭ بيۇت ئەس-سەييەد يېزىسىنى نىشان قىلغان زەربىسىدىن كېيىن، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى تىر شەھىرىدىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان تۈتۈن. / AFP

لىۋان دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ (NNA) خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پەيشەنبە كۈنى سەھەردە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا يېڭىدىن ھاۋادىن ھۇجۇملارنى قىلغان.

ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 06:00 ئەتراپىدا (GMT 03:00) نەباتىيە ئەلفەۋقانىڭ شەرقىي ئېتىكىدىكى ئەلى ئەتتاھىر ئورمانلىق رايونىغا ئىككى قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىنغان.

ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى رايونغا يۇقىرى پارتلاش كۈچىگە ئىگە بىر نەچچە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان. پۈتۈن رايوندا ئاڭلانغان شىددەتلىك پارتلاش نەتىجىسىدە، قويۇق ئىس-تۈتەك تارقالغان.

NNA  نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە رېئاكتىپ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى كېچە بويىمۇ زاۋتار ئەششەرقىيە بىلەن مەيفەدۇن بازارلىرى ئارىسىدىكى بىر رايوننى بومباردىمان قىلغان.

ئىسرائىلىيە 2-مارت باشلىغان يېڭى ھەربىي ھۇجۇمىدىن بۇيان لىۋانغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ ھەرىكەت جەريانىدا ئىسرائىلىيە كۈچلىرى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بەزى رايونلارغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن.

ئامېرىكا ۋاسىتىچىلىكىدە ھاسىل قىلىنغان رامكا كېلىشىمى

لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە 26-ئىيۇن ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە رامكا كېلىشىمى ھاسىل قىلغان بولۇپ، كېلىشىمدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى لىۋان زېمىنىدىن باسقۇچلۇق چېكىنىشى، بۇنىڭ بەدىلىگە لىۋان ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ھىزبۇللاھنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ قورالسىزلاندۇرۇلۇشى بەلگىلەنگەن.

ئىككى تەرەپ شۇنىڭدىن بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ چېكىنىشى ۋە لىۋان ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر رايونلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق رامكا كېلىشىمىدىكى ماددىلارنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدا، ئامېرىكا رەھبەرلىكىدە سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە.

سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرى توختىمىدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار