خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران باش سۆھبەتچىسى: «تېھران سىجىل تىنچلىقنى خالايدۇ، ئەمما ھۇجۇملارغا قارىتا كاپالەت تەلەپ قىلىدۇ»
ئىراننىڭ باش سۆھبەتچىسى مۇھەممەد باقىر قالىباف ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەردە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، مۇھىم پىكىر ئىختىلاپلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئىران باش سۆھبەتچىسى: «تېھران سىجىل تىنچلىقنى خالايدۇ، ئەمما ھۇجۇملارغا قارىتا كاپالەت تەلەپ قىلىدۇ»
ئىران باش سۆھبەتچىسى: «تېھران سىجىل تىنچلىقنى خالايدۇ، ئەمما ھۇجۇملارغا قارىتا كاپالەت تەلەپ قىلىدۇ» / Reuters

ئىراننىڭ باش سۆھبەتچىسى مۇھەممەد باقىر قالىباف ئامېرىكا بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەردە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى مەلۇم قىلدى، ئەمما ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يەنىلا "چوڭ بىر پەرق" بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

دۆلەت تېلېۋىزىيەسىگە بايانات بەرگەن ئىران پارلامېنت باشلىقى، تېھراننىڭ سىجىل تىنچلىققا ئېرىشىش مەسىلىسىدە ياخشى نىيىتى بولسىمۇ، يادرو ئارخىپى ۋە ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىلىرىدە چوڭ پىكىر ئىختىلاپلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قالىباف: «ئامېرىكا ۋە ئىران سۆھبەت ئۆمەكلىرى ئەمدى بىر-بىرى ھەققىدە تېخىمۇ رېئال چۈشەنچىگە ئىگە بولدى» دېدى. ئەمما ئىراننىڭ ئامېرىكا ياكى سىيونىست گەۋدىسىنىڭ دۆلەتكە قارشى قايتا ئۇرۇش قوزغىمايدىغانلىقىغا دائىر كاپالەتكە ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆزئارا ئورۇندايدىغان "قەدەممۇقەدەم" ئۇسۇلىنى قوللىغان قالىباف: «ئەگەر ئامېرىكالىقلار ياخشى نىيەتلىك ئىكەنلىكىدە سەمىمىي بولسا، ئۆزلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تاڭىدىغان بىر تەرەپلىمە قاراشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump says US holds 'very good' talks with Iran, warns against Hormuz 'blackmail'

ئۇرۇش توختىتىش دەۋالىرى

قالىباف يېقىنقى مەزگىلدىكى توقۇنۇشلار ئۈستىدىمۇ  توختىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ "جەڭ مەيدانىدا ئىران غەلىبە قىلغانلىقى" ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ 12 كۈن داۋاملاشقان ئۇرۇش بىلەن ئەڭ ئاخىرقى توقۇنۇشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپىدە ئىراننىڭ ھاۋا مۇداپىئەسىدە مۇھىم تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

قالىباف: «ترامپ تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش ياكى ھۇجۇم ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىمىزنى يوقىتىش نىشانىغا يېتەلمىدى. ئىران بىر ۋېنېسۇئېلا ئەمەس» دېدى.

دۈشمەنلەرنىڭ ئىران چېگرالىرى بويىچە بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنى ئىشقا سېلىش ئۇرۇنۇشلىرىدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى بايان قىلغان قالىباف، تېھراننىڭ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلىشىدىكى مەقسەتنىڭ، دۈشمەننىڭ ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئېيتتى.

قالىباف: «دۈشمەنگە ئىشەنمەيمىز، ئەگەر ھەرقانداق بىر خاتالىق ئۆتكۈزسە، تولۇق تەييارلىق ھالەتتىكى قوراللىق كۈچلىرىمىز جاۋاب قايتۇرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىرگە، "دۈشمەن"نىڭ ئۆز نىشانلىرىغا تەھدىتلەر بىلەن يېتەلمىگەندىن كېيىن ۋاسىتىچىلەر ئارقىلىق ئۇچۇر ئەۋەتىشكە باشلىغانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

 

ئىزدىنىڭ
ئالىملار ئىتالىيەدە ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان يېزىنى بايقىدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا