خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
ئىران پىرېزدېنتى تېھراننىڭ پرىنسىپلىرىنى قوغداش بىلەن بىرگە ھۇجۇمنى چېكىندۈرگۈچ بىر چۇشەنچىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ / Reuters

ئىران پىرېزدېنتى مەسئۇد پېزەشكىيان تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ يول قويۇش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مەۋجۇت "نە ئۇرۇش نە تىنچلىق" ۋەزىيىتىدىن چىقىرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى IRNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا پېزەشكىيان، مەسئۇللارنىڭ ئاساسەن ھەر كۈنى بۇ مۇساپىدىن ئۆتۈش، ئىراننىڭ پرىنسىپ ۋە قىممەتلىرىنى قوغداش بىلەن بىرگە دۈشمەنلەرنىڭ يېڭى ھۇجۇمنى چېكىندۈرگۈچ بىر چۈشەنچىگە يېتىش ئۈچۈن مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئۇرۇشنىڭ بىر ھەل قىلىش يولى ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن پېزەشكىيان، توقۇنۇشلارنىڭ قايتىدىن باشلىنىش ئېھتىماللىقىغا دائىر ئېنىقسىزلىقنىڭ ئۇزارتىلىشىنىڭمۇ دۆلەت ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. توقۇنۇش تەھدىتى داۋاملاشقان مۇددەتچە مەبلەغ جەلپ قىلىشنىڭ قىيىنلىشىدىغانلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتىپ، ئىراننىڭ كۈچىنى قوغداپ بۇ ۋەزىيەتتىن ئاقىلانە بىر ئۇسۇل بىلەن ئۆتۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىيۇن ئېيىدا ئىمزالانغان پىكىر بىرلىكى ھۆججىتىنىمۇ قوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن پېزەشكىيان، تېكىستنىڭ بىر تەسلىم بولۇش مەنەسى يوقلۇقىنى ۋە تېھراننىڭ بىرەر مۇرەسسەمۇ قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىران ۋە ئامېرىكا پاكىستان بىلەن قاتارنىڭ ۋاسىتىچىلىقىدا ئىيۇن ئېيىدا ئىمزالانغان پىكىر بىرلىكى ھۆججىتى بىلەن فېۋرال ئېيىدا باشلانغان توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرغان ۋە ئاخىرقى كېلىشىم ئۈچۈن مۇزاكىرە مۇساپىسىنى باشلىغان ئىدى.  ئەمما سۆھبەتلەر پىكىر بىرلىكىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە يەر شارى نېفىت بىلەن تەبىئىي گاز ئېكسپورتى ئۈچۈن ھالقىلىق ئورۇندا بولغان ھۆرمۈز بوغۇزىدىكى قاتناش تەرتىپلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كېلىشەلمەسلىكلەر سەۋەبىدىن توختاپ قېلىش نۇقتىسىغا كەلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran threatens neighbouring countries against joining US ‘economic war’
ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى