سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئافغانىستان، كولۇمبىيە، بولىۋىيە، بىرما ۋە ۋېنېزۇئېلانى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى
ئامېرىكا ئافغانىستان، كولۇمبىيە، بولىۋىيە، بىرما ۋە ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرنى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەشتە مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
ئامېرىكا ئافغانىستان، كولۇمبىيە، بولىۋىيە، بىرما ۋە ۋېنېزۇئېلانى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى
/ Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئافغانىستان، بولىۋىيە، بىرما، كولۇمبىيە ۋە ۋېنېزۇئېلانىڭ ئالدىنقى 12 ئايدا خەلقئارالىق زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەش كېلىشىملىرىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى «ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئادا قىلالمىغانلىقىنى» بايان قىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ قارار يۇقىرىدىكى دۆلەتلەرگە بېرىلىدىغان مەبلەغلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

ترامپ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«مەن ئافغانىستان، بولىۋىيە، بىرما، كولۇمبىيە ۋە ۋېنېزۇئېلانىڭ ئالدىنقى 12 ئاي ئىچىدە خەلقئارالىق زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەش كېلىشىملىرى بويىچە بۇرچىنى ئادا قىلىشتا ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا مەغلۇپ بولغانلىقىنى جاكارلايمەن.

كولۇمبىيەدە پىرېزىدېنت گۇستاۋو پېترو ھاكىمىيىتى دەۋرىدە كوكا تېرىقچىلىقى ۋە كوكايىن ئىشلەپچىقىرىش ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن يارىشىش ئۇرۇنۇشلىرى كىرىزىسنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى.»

 بىراق، ترامپ كولۇمبىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ جاسارىتى ۋە ماھارىتىنى ماختاپ مۇنداق دېدى:

«كولۇمبىيەنىڭ ئالدىنقى يىلى زەھەرلىك چېكىملىكنى كونترول قىلىش مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلالمىغانلىقى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىنىڭ مەسئۇلىيىتىدۇر. ئەگەر كولۇمبىيە ھۆكۈمىتى كوكا ئۆسۈملۈكلىرىنى يوقىتىش، كوكايىن ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئەتكەسچىلىكنى ئازايتىش ئۈچۈن تېخىمۇ جىددىي تەدبىرلەرنى قوللانسا، بۇ قارارنى قايتا ئويلىشىمەن.»

ترامپ ئىلگىرى پېترونىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەش قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى «يېتەرسىز» دەپ قاراپ، «گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىش» بىلەن تەھدىت سالغانىدى. جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرى كولۇمبىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي بولمىغان ياردەمنى ئازايتىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 پېترونىڭ جاۋابى

 

كولۇمبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋو پېترو كولۇمبىيەدە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئونلارچە ساقچى، ئەسكەر ۋە پۇقرانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان بۇ قارارنى سىنلىق ئۇچۇر ئارقىلىق قاتتىق ئەيىبلىدى.

پىرېزىدېنت گۇستاۋو ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا مۇنداق دېدى:

«زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىدىن ئۇزۇقلىنىۋاتقان سولچىل پارتىزانلارغا قارشى كۈرەش قىلىشتا ئونلارچە ساقچى ۋە ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىغا قارىماي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىزنى گۇۋاھنامىسىز قالدۇردى.»

كولۇمبىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانىيال گارسىيا-پېنا ئالدىنقى ھەپتە مۇخبىرلارغا ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئورگىنى تاقالغاندىن كېيىن، ئامېرىكادىن كېلىدىغان مەبلەغلەرنىڭ ئاللىقاچان تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئەگەر ترامپ كولۇمبىيەنى گۇۋاھنامىسىز قالدۇرۇشنى قارار قىلسا، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتسىز بولغان تەخمىنەن 100 مىليون دوللارلىق پىروگراممىنىڭمۇ توختىتىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا كولۇمبىيەنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1997-يىلى، دۆلەتنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى ئەڭ يۇقىرى كۈچ مەركەزلىرىگە سىڭىپ كىرگەن ۋاقىتتا تىزىملىككە كىرگۈزگەنىدى. 2000-يىلدىن باشلاپ، ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرى كولۇمبىيەگە مىلياردلىغان دوللار ياردەم بەردى. بىراق، كوكايىننىڭ خام ماتېرىيالى بولغان كوكا تېرىلغۇ يەرلىرىنى گلىفوسات بىلەن دورىلاش پىروگراممىسى توختىتىلغاندىن كېيىن، ھەمكارلىق ئون يىل ئىلگىرى بۇزۇلۇشقا باشلىدى.

ئامېرىكا قانۇنلىرىغا ئاساسەن، پىرېزىدېنتنىڭ ھەر يىلى ئالدىنقى 12 ئاي ئىچىدە خەلقئارالىق زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەش كېلىشىملىرى بويىچە بۇرچىنى ئادا قىلالمىغان دۆلەتلەرنى ئېنىقلاپ چىقىش مەجبۇرىيىتى باردۇر.

ئىزدىنىڭ
غەززەگە ياردەم بېرىش فىلوتىدىكى 18 تۈركىيە پۇقراسى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى
مايكروسوفت ئىسرائىلىيەنىڭ جاي ناملىرىنى ئۆچۈرۈپ، غەربىي قىرغاقنىڭ خەرىتىسىنى يېڭىلىدى
ھېرزوگنىڭ ئايروپىلانى تۈركىيە ھاۋا ساھەسىگە كىرەلمەي، ئۇزۇن بىر لىنىيە ئارقىلىق قازاقىستانغا باردى
ئىسرائىلىيە ئۇزارتىلغان ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىدا تۆت كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: ھاماسنىڭ قورالسىزلىنىشى مەسىلىسىدە «ئۈمىدۋار سىگناللار» بار
جەنۇبىي كورېيە خەلقئارا جەمئىيەتنى شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە دەرھال ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىردى
ھىندونېزىيەنىڭ غەربىي جاۋا ئۆلكىسىدە بىر تاكسى سەۋەب بولغان پويىز ۋەقەسىدە 14 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا ئىران ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى قوللىغان كارخانىلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
بۇرھانەتتىن دۇران: مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر ئۆز بايانلىرىنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئېلىشى كېرەك
خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سانائەت سىياسىتىنى ئەيىبلەپ، قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
تېھران ئامېرىكاغا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر تەكلىپلىرىنى سۇندى
مالى مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بار تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرى نېتانياھۇغا قارشى بىرلەشمەكتە
ئەردوغان كەچلىك زىياپەتتىكى ھۇجۇمدىن كېيىن ترامپقا ئۇچۇر يوللىدى
ئامېرىكانىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى» گە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئۈچ كىشى ئۆلدى