سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كۇبا دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۇبالىق دىپلوماتلارنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى
كۇبا، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ 10 نەپەر كۇبالىق دىپلومات ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش قارارىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈپ، سانتو دومىنگو ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكانىڭ بېسىمى بىلەن ھەرىكەت قىلدى، دەپ ئەيىبلىدى.
كۇبا دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۇبالىق دىپلوماتلارنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى
كۇبادىن دىپلوماتلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى ئالغان دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىگە ئىنكاس

كۇبا ھۆكۈمىتى دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەزكۇر قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، سانتو دومىنگو دائىرىلىرىنى «ئامېرىكانىڭ بېسىمى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.

كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان يازما باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۇبالىق دىپلوماتلارنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش قارارىنى ئاقلايدىغان ھېچقانداق ئورۇنلۇق سەۋەب يوق. باياناتتا، مەزكۇر دىپلوماتلارنىڭ 1961-يىلىدىكى «دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدىكى ۋىيېننا ئەھدىنامىسى» گە ۋە دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلىرىغا تولۇق ئەمەل قىلغان ھالدا خىزمەت قىلغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە: «بۇ قەدەمنى دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن كەلگەن بېسىمغا باش ئەگكەنلىكىدىن باشقا ھېچقانداق سەۋەب بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ» دېيىلدى. شۇنداقلا، ھاۋانا دائىرىلىرى ۋاشىنگتوننى كۇبانى يەكلەش ۋە ئۇنىڭ رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

باياناتتا، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۇبانى كېچىكتۈرۈلگەن 10-نۆۋەتلىك ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتۇرماسلىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىدە ئامېرىكانىڭ كۇباغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگوسىغا قارشى تەييارلانغان قارار لايىھەسىگە بېلەت تاشلاش مەيدانىنى ئۆزگەرتىشى قاتارلىقلار، «سانتو دومىنگونىڭ ۋاشىنگتون تەرەپتە تۇرغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىپادىسى» دەپ باھالاندى.

مەزكۇر قارارنىڭ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە «ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى» ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، شۇنداق بولسىمۇ، بۇ ئىشنىڭ كۇبا بىلەن دومىنىكا خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دوستلۇق رىشتىسىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمەيلا، ۋىيېننا ئەھدىنامىسى بەرگەن ھوقۇققا ئاساسەن، كۇبانىڭ 10 نەپەر دىپلوماتىك خادىمى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ 7 كۈن ئىچىدە دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار