ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا غەززەدىكى بىردىنبىر كاتولىك چېركاۋى زەربىگە ئۇچراپ، ئىككى ئايال ئۆلدى
غەززەدىكى ئەلئەھلى ئەلئەرەبى دوختۇرخانىسىدىكى دوختۇرلارنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، كاتولىك چېركاۋىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر قانچە كىشى يارىلانغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا غەززەدىكى بىردىنبىر كاتولىك چېركاۋى زەربىگە ئۇچراپ، ئىككى ئايال ئۆلدى
/ AP

ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان  باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا رايوندىكى بىردىنبىر كاتولىك چېركاۋىنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. ANSA ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھۇجۇمدا ئىككى ئايالنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرى مۇقەددەس ئائىلە چېركاۋىغىمۇ زەربە بەردى» دېگەن مېلونى، پۇقرالارغا قارىتىلغان بۇ خىلدىكى ھۇجۇملارنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» قىلمىش دەپ تەنقىد  قىلغان.

مەزكۇر ھۇجۇمدا پەلەستىن رايونىدىكى بىردىنبىر كاتولىك چېركاۋى بولغان «مۇقەددەس ئائىلە چېركاۋى» زىيانغا ئۇچرىدى. ۋاتىكان بۇ ھۇجۇم غا قارىتا تېخى رەسمىي ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

 «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ»

 

ئىتالىيەنىڭ ANSA ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ھۇجۇمدا 6 كىشىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ئۇرۇشى توغرىسىدا پاپا فىرانسىسقا قەرەللىك مەلۇمات بېرىپ تۇرغان چېركاۋ پوپى گابرىئېلې رومانېللىنىڭ پۇتىدىن يېنىك يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باش مىنىستىر مېلونى باياناتىدا مۇنداق دېدى:

 «ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرى مۇقەددەس ئائىلە چېركاۋىغىمۇ زىيان سالدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئايلاردىن بۇيان پۇقرالارغا قاراتقان بۇ خىلدىكى ھۇجۇملىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ھېچقانداق ھەربىي ھەرىكەت بۇنداق قىلمىشنى ئاقلىيالمايدۇ.»

ئىزدىنىڭ
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان «قاھىرە»دە ئۇچرىشىشلاردا بولدى
تۈركىيە دۇنيا لوڭقىسى بىلەن ۋىدالاشتى