ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
قازاقىستان كاسپىي تۇرۇبا يولى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاچقا، نېفىتىنىڭ بىر قىسمىنى خىتايغا يۆتكەيدىكەن
قازاقىستان كاسپىي نېفىت تۇرۇبا يولىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى سەۋەبلىك، نېفىتىنىڭ بىر قىسمىنى خىتايغا يۆتكەشنى قارار قىلدى.
قازاقىستان كاسپىي تۇرۇبا يولى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاچقا، نېفىتىنىڭ بىر قىسمىنى خىتايغا يۆتكەيدىكەن
كاسپىي تۇرۇبا كونسورتسىيىسى ئادەتتە نېفىت ئېكسپورتىنىڭ كۆپ قىسمىنى نوۋوروسسىيسك ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. [ئارخىپ فوتوسى] / Reuters

قازاقىستان ئۇكرائىنانىڭ «كاسپىي تۇرۇبا يولى بىرلەشمە گەۋدىسى» (CPC) تېرمىنالىغا قاراتقان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدىن كېيىن، قاشاغان نېفىتىنىڭ بىر قىسمىنى تۇنجى قېتىم خىتايغا ئېكسپورت قىلىشنى قارار قىلدى.

قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئۆتكەن ئايدا «كاسپىي تۇرۇبا يولى بىرلەشمە گەۋدىسى»نىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى تېرمىنالىغا قاراتقان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدىن كېيىن، قاشاغان نېفىتلىكىدىن ئېلىنغان زور مىقداردىكى نېفىتنىڭ بىر قىسمىنى خىتايغا يۆتكەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇ قارار، مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئىككى نەپەر ئۇچۇر مەنبەسىنىڭ رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن مەلۇماتىدىن كېيىن ئاشكارىلاندى. مەزكۇر مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە بىرلەشمە گەۋدە تېرمىنالىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى تۈپەيلىدىن، قازاقىستان ھۆكۈمىتى دېكابىر ئېيىدا قاشاغاندىن خىتايغا تۇنجى قېتىم 50 مىڭ توننا خام نېفىت تەمىنلەشنى پىلانلىغان.

يەرشارى خام نېفىت تەمىناتىنىڭ %1 نى ئىگىلەيدىغان، شۇنداقلا رۇسىيە، قازاقىستان ۋە ئامېرىكا پايچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ بىرلەشمە گەۋدە، يۈكلەش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولغان يەككە نۇقتىلىق باغلاش سىستېمىسىنىڭ (SPM) ھۇجۇمدا زىيانغا ئۇچرىشى سەۋەبلىك، ئېكسپورت مىقدارىنى ئازايتىشقا مەجبۇر بولغان.

ئۇكرائىنا تەرەپ ئاۋغۇست ئېيىدىن بۇيان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ مالىيە مەنبەسىنى ئاجىزلىتىش مەقسىتىدە، رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما بىرلەشمە گەۋدە ئەسلىھەلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە خۇسۇسىيىتى نەزەردە تۇتۇلۇپ، بۇ ئەسلىھەلەرگە ھۇجۇم قىلىش قارارى قازاقىستان ۋە كىرېمىل تەرىپىدىن ئەيىبلەندى.

قاشاغان نېفىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئادەتتە «كاسپىي تۇرۇبا يولى بىرلەشمە گەۋدىسى» ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ قارا دېڭىز پورتى نوۋوروسسىيسكتىكى (ھازىر زىيانغا ئۇچرىغان) تېرمىنالغا توشۇلاتتى ۋە ئۇ يەردىن باشقا رايونلارغا يۆتكىلەتتى.

تەدبىرلەر يولغا قويۇلماقتا

قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى، ئۇكرائىنانىڭ بىرلەشمە گەۋدىگە تەۋە دېڭىز تېرمىنالىغا قاراتقان ھۇجۇمىنىڭ ئېكسپورتنى پۈتۈنلەي توختىتىپ قويمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىرلىق باياناتىدا: «ھازىر توشۇش شىركەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، نېفىت مىقدارىنى قايتا تەقسىملەش ئۈچۈن جىددىي خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ. قاشاغان نېفىتىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى خىتايغا يۆتكەش ئۈچۈنمۇ مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەر ئېلىندى» دېيىلدى.

يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ چوڭ بايقاشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان قاشاغان دېڭىز نېفىتلىكىنى Eni، Shell، TotalEnergies، ExxonMobil، KazMunayGaz، Inpex ۋە CNPC قاتارلىق شىركەتلەر بىرلىكتە ئاچماقتا.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا