تۈركىيە پاكىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە پاكىستاندا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋەقەلىرىنىڭ نۇرغۇن ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلىشى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پاكىستاندا ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى  (15-ئاۋغۇست) پاكىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىغا قارىتا تەزىيە بىلدۈردى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «پاكىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇردۇق» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى:

 «جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز ۋە پاكىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز.»

پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، پاكىستاندا قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان تۇيۇقسىز كەلكۈن ۋە تاغ گۈمۈرۈلۈش سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 321 گە يەتكەن.

جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى غەربىي شىمالدىكى خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە بولۇپ، ئىشتاتلىق ئاپەت باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلدۈرۈشىچە، بۇ يەردە 307 ئادەم جېندىن ئايرىلغان.

گىلگىت-بالتىستان ئۆلكىسىدە بەش ئادەم، ئازاد جاممۇ ۋە كەشمىر دەپمۇ ئاتىلىدىغان پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توققۇز ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

نۇرغۇن رايونلاردا كۆچمە تېلېفون مۇنارلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن ئالاقىمۇ ئۈزۈلۈپ قالغان.

تېخىمۇ كۆپ كەلكۈن يۈز بېرىشى تەخمىن قىلىنماقتا

دۆلەتلىك ئاپەت باشقۇرۇش ئىدارىسى جۈمە كۈنى (15-ئاۋغۇست) دىن 10-سېنتەبىرگىچە يەنە بىر قېتىملىق يامغۇرلۇق پەسىل ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

دائىرىلەر يەنە ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ۋە مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشىنى تېزلىتىپ، دەريالارنىڭ سۇ مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئادەتتە ئىيۇندىن سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان يامغۇرلۇق پەسىل، جەنۇبىي ئاسىيادا، بولۇپمۇ پاكىستاندا دائىم ئاپەت پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كىلىمات ئۆزگىرىشىمۇ يېقىنقى يىللاردا ئاپەتلەرنى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە شىددىتىنى ئاشۇردى.