ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
سودا مىنىستىرى بولات: تۈركىيە-سۈرىيە بىۋاستە قاتناش يولى كېلەر يىلى ئېچىلىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات: «يېڭى ئېچىلىدىغان قاتناش يولى تۈركىيە يۈك ماشىنىلىرىنىڭ ئىيوردانىيە ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قۇرۇقلۇق يولى بىلەن يېتىپ بېرىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ» دېدى.
سودا مىنىستىرى بولات: تۈركىيە-سۈرىيە بىۋاستە قاتناش يولى كېلەر يىلى ئېچىلىدۇ
سودا مىنىستىرى بولات: تۈركىيە-سۈرىيە بىۋاستە قاتناش يولى كېلەر يىلى ئېچىلىدۇ / AA

تۈركىيە سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، تۈركىيە-سۈرىيە بىۋاستە قاتناش يولىنىڭ كېلەر يىلى تولۇق پائالىيەتكە كىرىشى بىلەن تۈركىيە يۈك ماشىنىلىرىنىڭ ئىيوردانىيە ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قۇرۇقلۇق يولى بىلەن يېتىپ بېرىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن سۈرىيە بىلەن بولغان ۋىزا ۋە يوللارنى ياخشىلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۆمەر بولات 2024-يىلى ئىيۇندا ئىمزالانغان بىر كېلىشىمگە ئاساسەن، تۈركىيە يۈك ماشىنىلىرىنىڭ سۈرىيە ئارقىلىق ئىيوردانىيە ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قاتنىيالايدىغانلىقىنى، لېكىن سۈرىيەدىكى تاموژنا قائىدىلىرى، يولنى ئەسلىگە  كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى ۋە ۋىزا قائىدىلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بولات تۈرك ۋە سۈرىيە قاتناش مىنىستىرلىرىنىڭ بۇ يول توغرىسىدا تۈزگەن كېلىشىمىنىڭ ئىيوردانىيەنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «چۈنكى ئىيوردانىيە، سۈرىيە ۋە تۈركىيەنى بېسىپ ئۆتۈپ ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان بۇ يول ناھايىتى مۇھىم بىر سودا قاتناش يولىدۇر» دېدى.

ئۇ: «بۇ رايونلارنى قۇرۇقلۇق يولى ۋە تۆمۈر يوللار ئارقىلىق جانلاندۇرىشىمىز بىلەن سودا ۋە خەلقلەرنىڭ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتتە ئاشىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تۈركىيە بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ ھىجاز تۆمۈر يولىنى ئۆزئارا ماسلىشىپ رېمونت قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولات: «ئىنشائاللاھ، تارىخىي ھىجاز تۆمۈر يولى پائالىيەتكە كىرىدۇ» دېگەن سۆزلىرى بىلەن، بۇ يول ئارقىلىق ھەم يۈك ۋە يولۇچى توشۇشنىڭ ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ تۈركىيە-ئىيوردانىيە بىرلەشمە ئىقتىسادىي كومىتېتى (OEK) نىڭ تۇنجى باسقۇچلۇق يىغىنىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ سودا، سانائەت، دېھقانچىلىق، مۇلازىمەت، ساياھەت، مەدەنىيەت ۋە باشقا نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىشىشنى مەزمۇن قىلغان بىر كېلىشىمنامىنى ئىمزالىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بولات: «بۈگۈن بىز ئىمزالىغان كېلىشىم، ئالدىمىزدا تۈزۈلىدىغان كېلىشىملەر، پائالىيەتلەر ۋە پىروگراممىلارنىڭ يول خەرىتىسى كېلىشىمىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سودا مىنىستىرى بولات: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا سودا مىقدارى (2024-يىلى) 1 مىليارد 100 مىليون دوللارغا يەتتى. بۇ يىلنىڭ دەسلەپلى 9 ئېيىدا بولسا 1  مىليارد 400 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئىنشائاللاھ، بۇ رەقەم يىل ئاخىرىغىچە بىر يېرىم ياكى 1 مىليارد 600 مىليون دوللاردىن ئېشىپ كېتىدۇ» دېدى.

بولات تۈركىيە سودىگەرلىرى ۋە قۇرۇلۇشچىلىرىنىڭ كېلەر يىلى ئىيوردانىيەدە باشلىنىدىغان چوڭ سۇ تۈرلىرى ۋە تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 مىليارد دوللارلىق تەرەققىيات ۋە ئىستىراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە: «بۇگۈنگىچە تۈرك قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرى 2.3 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى 60 تۈرنى تاماملىدى. تىجارىتىمىز ئاشقانسېرى سېلىنمىلىرىمىزمۇ ئاشماقتا» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى