سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ قۇنەيترا ۋىلايىتىدە ئىككى كىشىنى تۇتقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بېسىۋالغان دىرئە ۋە قۇنەيترا ۋىلايەتلىرىدە 10 بازا ۋە ھەربىي پونكىت قۇرۇپ چىققان ئىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ قۇنەيترا ۋىلايىتىدە ئىككى كىشىنى تۇتقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ قۇنەيترا ۋىلايىتىدە ئىككى كىشىنى تۇتقۇن قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي يېزىلىرىغا جايلاشقان جەباتا ئەلھاشاب بازىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئىككى كىشىنى تۇتقۇن قىلدى.

سۈرىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى ئەلئىخبارىيەنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى جەباتا ئەلھاشاب بازىرىغا باستۇرۇپ كىرىپ، نۇرغۇن ئۆيلەرنى ئاختۇرغان. باستۇرۇپ كىرىش جەريانىدا ئىككى كىشى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2024-يىلى دېكابىردا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، 1974-يىلى ئىمزالانغان «كۈچلەرنى ئايرىۋېتىش كېلىشىمى» گە خىلاپلىق قىلىپ، سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بېسىۋالغان دىرئە ۋە قۇنەيترا ۋىلايەتلىرىدە 10 بازا ۋە ھەربىي پونكىت قۇرغان ئىدى.

سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارانىڭ ئىلگىرى بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2024-يىلى 8-دېكابىردىن 2025-يىلى 18-ئىيۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا، سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىغا 1000 دىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى ۋە 400 گە يېقىن قۇرۇقلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار