غەززە ئۇرۇشى
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەئەمدىلىكتە «غەززەدىكى قارا گۇرۇھ» لارنى قوللىماقتا
پەلەستىنلىكلەرنى ئاچارچىلىققا مۇبتىلا قىلغان ئىسرائىلىيە، ئەمدىلىكتە «غەززەدىكى شايكىلار» نى باقماقتا ۋە قوراللاندۇرماقتا.
ئىسرائىلىيەئەمدىلىكتە «غەززەدىكى قارا گۇرۇھ» لارنى قوللىماقتا
ئىسرائىلىيەئەمدىلىكتە «غەززەدىكى قارا گۇرۇھ» لارنى قوللىماقتا / Reuters
2025-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنى

نېتانياھۇ ھاماسقا قارشى تۇرىدىغان، ئارىسىدا قانۇنسىز قورال-ياراغ ۋە ياردەم بۇلاش بىلەن ئەيىبلەنگەنلەرمۇ بار بولغان پەلەستىنلىك قارا گۇرۇھلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

«Sky News» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھازىر تارقىلىۋاتقان ۋىدېئو دەلىللىرى غەززەدىكى ھەر خىل قوراللىق قارا گۇرۇھلارغا ئىسرائىلىيە ھەربىي نۇقتىلىرىغا يېقىن يوللاردىن ياردەم بېرىلىۋاتقانلىقى كۆۈلمەكتە.

كۆرۈنۈشلەردە، سۇ، يېمەك-ئىچمەك ۋە يېقىلغۇ قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىگە تەۋە بىر ھەربىي پونكىتتىن ئاران 400 مېتىر يىراقلىقتىكى بىر رايوندىن، ئەشرەف ئەل مەنسى باشچىلىقىدىكى بىر «قوراللىق قارا گۇرۇھ»نىڭ قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقى كۆرۈنىدۇ.

ئاپتوموبىل ئەترىتى ماڭغان لىنىيە، ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتىدىكى زېمىننىڭ ئىچىدىكى نۇقتىلاردىن يولغا چىققانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئىككى ۋىدېئو بىلەن ماس كېلىدۇ.

بىر قىسقا فىلىمدە، يۈكلەر ئارىسىدا ئىسرائىلىيەلىك يېقىلغۇ تەمىنلىگۈچى «SOS Energy» نىڭ ماركىسى بېسىلغان تۇڭلارمۇ كۆرىنىدۇ.

ۋىدېئولاردا، يۈك بېسىش پەيتى تولۇق كۆرۈنمىسىمۇ، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىسرائىلىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ناھايىتى يېقىن بىر نۇقتىدىن باشلانغانلىقى ئېغىر تەكشۈرۈشلەرگە سەۋەب بولدى.

بۇ ئەھۋال، غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قارا گۇرۇھلارنىڭمۇ ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن قورال-ياراغ، مەبلەغ ۋە ئەشيا ئوبوروتى ياردىمىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىدەك تېخىمۇ كەڭ بىر ئەندىزىنىڭ بىر قىسمىدۇر. يېڭى دەلىللەر غەززەنىڭ شىمالىدىمۇ ئوخشاش بىر ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ھاماس ئۆتكەن ھەپتە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن باشلانغان بىر بىخەتەرلىك ھەرىكىتىدە «بىر قارا گۇرۇھ»نىڭ 32 ئەزاسىنى ئۆلتۈردى.

ئىلگىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن ئولتۇراق رايونى ئۈستىدىكى ھاماسنىڭ كونتروللۇقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسىتىدە غەززەدىكى بىر قوراللىق گۇرۇھنى قوللايدىغانلىقى كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

ھاماس ئىلگىرى بىر گۇرۇھنىڭ باشلىقى بولغان ياسىر ئەبۇ شاباب ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلىشىش بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

ياردەملەرنى بۇلايدىغانلار

ئەبۇ شاباب گۇرۇپپىسى ماي ئېيىنىڭ بېشىدا ئاشكارا بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ گۇرۇپپا ئىسرائىلىيە قوللايدىغان، ب د ت باشچىلىقىدىكى ياردەم تورىنىڭ ئورنىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان «غەززە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى» تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان يېمەكلىك تارقىتىش مەركەزلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ياردەملەرنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە مارت ئېيىدا غەززەگە بارلىق يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا ماددىي ئەشيالارنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، ياردەم خادىملىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ خىل قارا گۇرۇھلار ياردەملەرنى بۇلاپ، پەلەستىنلىكلەرنى تېخىمۇ ئاچارچىلىققا دۇچار قىلغان.

بۇ خىل ھۇجۇملار ھېلىھەم داۋاملاشماقتا ۋە ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى (OCHA) دىن جوناتان ۋىتتالنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، «ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال»نى كۆز ئالدىمىزغا نامايان قىلماقتا.

ۋىتتال: «ياردەم يۈك ماشىنىلىرىنى توسۇپ، زوراۋانلىق بىلەن بۇلاۋاتقانلارنىڭ ئىسرائىلىيە كۈچلىرى تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، ئۇلارنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى ھەربىي مەركەزلىرى ئارقىلىق تارقىتىلغان ماللارنىڭ «قوغدىغۇچىلىرى» غا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە يەنە غەززەدىكى تەسىر كۈچىگە ئىگە ئەل-ماجىدا جەمەتى بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان ھۈسسەم ئەل-ئەستال باشچىلىقىدىكى «تېرورلۇققا قارشى كۈچ» ناملىق قوراللىق گۇرۇھنىمۇ قوللىغان.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ گۇرۇپپا ئۆكتەبىرنىڭ بېشىدا، ھازىرقى ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ھاماس جەڭچىلىرى بىلەن قوراللىق توقۇنۇشقا كىرگەن.

«The Guardian» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىرقىي قىرغىنچى بېنيامىن نېتانياھۇ ھاماسقا قارشى چىقىدىغان ۋە قانۇنسىز قورال-ياراغ ھەمدە ياردەم بۇلاشتەك ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كەلگەن پەلەستىنلىك قەبىلىلەرنى قوللىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى ھاماسنىڭ «بىر قانچە گۇرۇھ» نى يوقاتقانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما قايسى گۇرۇھلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ ئاساسلىق ياردەملەرنى بۇلاش ۋە تونۇلغان بىر مۇخبىرنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن قوراللىق گۇرۇھلارنى قوللايدىغانلىقى مەلۇم.

ترامپ بۇ ھەقتە: «ئۇلار ناھايىتى يامان بولغان بىر قانچە گۇرۇھنى يوقاتتى، بىر قانچە گۇرۇھ ئەزاسىنى ئۆلتۈردى، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا بۇ مېنى ئانچە بىئارام قىلمىدى. بۇ مەسىلە ئەمەس» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - After Hamas takes out pro-Israel gangs, Trump says it 'didn't bother me much'

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئىستىخبارات تارماقلىرى: خىتاي ئىراننى ھاۋا مۇداپىئە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكا ۋە ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىسلامئابادقا يېتىپ باردى
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى لىۋاننىڭ «جەسۇرانە» قەدەملىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
شى جىنپىڭ تەيۋەننىڭ ئۆكتىچىلەر رەھبىرىگە بىرلىشىشنىڭ «تارىخنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىنى قوللىمىغان بىرنەچچە ناتو دۆلەتلىرىدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدۇ
«ئارتېمىس» ئەترىتى ئاي ئەتراپىدىكى پەرۋازىدىن كېيىن تىنچ ئوكيانغا قونىدۇ
پاكىستان مۇداپىئە مىنىستىرى لىۋاندا 300 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ئىسرائىلىيەنى «راك» دەپ ئاتىدى
رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن ئورتودوكس پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
ئىران تاراتقۇلىرى: خارازى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇمى»دا ھاياتىدىن ئايرىلدى
بېلگىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ لىۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى
ئىران: رامكا كېلىشىمىنىڭ مۇھىم ماددىلىرى تىنچلىق سۆھبىتىدىن ئىلگىرى دەپسەندە قىلىندى
پاكىستان ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى «تاجاۋۇزچىلىقى»نى ئەيىبلىدى
گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ترامپ: «ھەقىقىي كېلىشىم» ئىجرا قىلىنغۇچە ئامېرىكا ئىران ۋە ئەتراپىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
شىمالىي كورېيە 7 گېكتارلىق دائىرىنى «كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدىغان» بومبىسىنى سىناق قىلدى