سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى نېتانياھۇنىڭ سۈرىيەدىكى «تەلۋىلەرچە» قەدەملىرىدىن بارغانسېرى بىئارام بولماقتا
«Axios» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاق ساراي ئەمەلدارلىرى نېتانياھۇنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ترامپنىڭ رايوندىكى تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى بۇزىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى نېتانياھۇنىڭ سۈرىيەدىكى «تەلۋىلەرچە» قەدەملىرىدىن بارغانسېرى بىئارام بولماقتا
/ Reuters

ئامېرىكانىڭ «Axios»  خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇغا قارىتا «ترامپ ھۆكۈمىتى ئىچىدە كۈچلۈك گۇمان» پەيدا قىلغان. خەۋەردە، نېتانياھۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسەتلىرىنىڭ «ھەددىدىن زىيادە بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك» ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى كۆز قاراشنىڭ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئاق ساراي ئەمەلدارلىرى، يەكشەنبە كۈنى «Axios» قا بەرگەن باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى، باش ئىشتاب مەركىزى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغان يېقىنقى بومباردىمانلىرىنىڭ، نېتانياھۇنىڭ ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ھەرىكەتلىرىگە بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بۇ ھەقتە: «ھەر كۈنى يېڭى بىر ئىش يۈز بېرىۋاتقاندەك بىر ھېسسىيات بار» دېگەن.

بەزى ئاق ساراي ئەمەلدارلىرى نېتانياھۇنىڭ كۈچىيىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقىنى تەنقىدلەپ، بىر ئەمەلدارنىڭ «تەلۋىلەرچە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. توختىماي ھەممە يەرنى بومباردىمان قىلىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان.

خەۋەردە بىر ئەمەلدار، نېتانياھۇنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سۈرىيەدىكى تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى بۇزىۋېتىشى ۋە ئۇنىڭ ياخشى نىيىتىنى خورىتىپ تۈگىتىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.

يەنە بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى: «سۈرىيەدىكى بومباردىمان پىرېزىدېنت ۋە ئاق ساراينى تەييارلىقسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. پىرېزىدېنت ئۆزى بىۋاسىتە تىنچلىق ئورنىتىشقا تىرىشىۋاتقان بىر دۆلەتكە بومبىلارنىڭ تاشلانغانلىقىنى تېلېۋىزوردا كۆرۈشنى ياقتۇرمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولسا، ئۆتكەن ھەپتە غەززەدىكى بىر چېركاۋنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىدىن كېيىن، ترامپنىڭ نېتانياھۇغا تېلېفون قىلىپ، چۈشەنچە تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمەلدارلار، ترامپنىڭ خىزمەت ئەترىتىدە نېتانياھۇغا قارىتا گۇمانلارنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ «بەزىدە بەڭۋاش بالىدەك» ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئەمەلدارلار، ۋاشىنگتوننىڭ نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ رايونلۇق سىياسەتلىرىگە قارىتا ھوشيار ھالەتتە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ترامپ ھازىرغا قەدەر نېتانياھۇنى ئامما ئالدىدا تەنقىدلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولسىمۇ، ئۆزگىرىشلەردىن مەسلىھەتچىلىرى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە بىئارام بولغان-بولمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

ئىسرائىلىيەلىك ياكى ئامېرىكالىق ئەمەلدارلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ خەۋەرگە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

سۈرىيە توقۇنۇشلىرى

13-ئىيۇل سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سۈۋەيدا رايونىدا بەدەۋىي ئەرەب قەبىلىلىرى بىلەن قوراللىق دۇرزى گۇرۇپپىلار ئارىسىدا توقۇنۇش باشلاندى.

ئىسرائىلىيە توقۇنۇشلارنىڭ شىددىتى كۈچەيگەن ئەسنادا، دەمەشىقتىكى سۈرىيە ھەربىي ئورۇنلىرىغا ۋە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىلىيە، ھۇجۇملىرىنى دۇرزى جامائىتىنى قوغداش باھانىسى بىلەن ئاقلىدى.

بىراق، سۈرىيەدىكى كۆپ قىسىم دۇرزى رەھبەرلىرى، ئامما ئالدىدا ھەر قانداق چەت ئەلنىڭ ئارىلىشىشىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن سۈرىيە دۆلىتىگە بولغان ساداقىتىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى توم باراك، بارلىق تەرەپلەرنىڭ يەكشەنبە كۈنى دەمەشىق ۋاقتى 17:00 دە زوراۋانلىقنى توختىتىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى