تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
تۈركىيەدە بۇ يىل 16 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ تور ئىشلىتىش نىسبىتى %92.3 كە يەتتى.
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
WhatsApp ۋە Meta AI (AA)

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «ئائىلە خەۋەرلىشىش تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىش تەكشۈرۈشى-2026» نىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە 16 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغانلار ئارىسىدا تور ئىشلىتىش نىسبىتى %92.3 بولغان. بۇ نىسبەت ئۆتكەن يىلى %90.9 ئىدى. ئايرىپ قارىغاندا، بۇ ياش گۇرۇپپىسىدىكى ئەرلەردە تور ئىشلىتىش نىسبىتى %94.8، ئاياللاردا بولسا %89.9 بولغان.

تور ئارقىلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتلەردىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى %76 كە يەتتى

يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە شەخسىي مەقسەتتە رەسمىي ئورگانلارنىڭ تور بېكەتلىرى ۋە ئەپلىرىنى ئىشلەتكەنلەر ھەمدە تور ئارقىلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتلەردىن پايدىلانغانلارنىڭ نىسبىتى %76 دەپ بېكىتىلدى. بۇ نىسبەت ئەرلەردە %82.7، ئاياللاردا بولسا %69.4 نى ئىگىلىگەن.

«ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت» (e-Devlet) مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلەتكەن كىشىلەرنىڭ ياش قۇرۇلمىسىغا قارىغاندا، بۇ نىسبەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەك  25–34 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدا %93 بولغانلىقى؛ ئەڭ تۆۋەن چەك 65–74 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدا %31.3 بولغانلىقى كۆرۈلدى.

2025-يىلى %55.7 بولغان تور ئارقىلىق شەخسىي مەقسەتتە مال ۋە مۇلازىمەت سېتىۋېلىش ياكى زاكاز قىلىش (ئېلېكتىرونلۇق سودا) نىسبىتى، بۇ يىل %60 كە ئۆرلىدى.

يېقىنقى ئۈچ ئايدا تور ئارقىلىق مائارىپ، كەسپىي ياكى شەخسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلارنىڭ نىسبىتى بۇ يىل ئۆتكەن يىلقىغا سېلىشتۇرغاندا 5.2 پوئېنت ئېشىپ، %22.9 غا يەتتى. بۇ نىسبەتنىڭ ئەرلەردە %22.4، ئاياللاردا بولسا %23.5 بولغانلىقى ئېنىقلاندى.

كىشىلەرنىڭ %90 ى «WhatsApp» ئىشلەتتى

ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئۇچۇرلىشىش ئەپلىرى رەت تەرتىپى بويىچە: %90 بىلەن «WhatsApp»، %77.6 بىلەن «YouTube» ۋە %71.1 بىلەن «Instagram» بولدى. جىنس ئايرىمىسى بويىچە قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ %92.5 ى «WhatsApp»، %80.1 ى «YouTube» ۋە %71.9 ى «Instagram» ئىشلەتكەن بولسا؛ ئاياللارنىڭ %87.6 ىنىڭ «WhatsApp»، %75 ىنىڭ «YouTube» ۋە %70.2 ىنىڭ «Instagram» ئەپلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»
كاتىمېرىنى گېزىتى: «مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقى كېلىشىمى ئافىنادا بىئاراملىق پەيدا قىلدى»
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى
سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ راك كېسىلىنىڭ كېڭەيگەنلىكى ئېلان قىلىندى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋ ئەتراپىدا بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى