سىياسەت
4 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى باشلاندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىدا پوچتا ئارقىلىق ئاۋاز تاشلاش بىلەن باشلىنىپ كەتتى.
ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى باشلاندى
فىلادېلفىيەدىكى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدىغان سايلام بېلىتى. (رويتېرس ئارخىپ سۈرىتى) / Reuters Archive

ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمى پوچتا ئارقىلىق ئاۋاز تاشلاشقا مۇناسىۋەتلىك زور قالايمىقانچىلىقلار ئىچىدە باشلاندى. بېلەتلەر ئەۋەتىلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ سوت مەھكىمىلىرىدىن بېلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىغا قارىتا يېڭى چەكلىمىلەرنى قويۇشقا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا.

جۈمە كۈنى شىمالىي كارولىنا پوچتا ئارقىلىق بېلەت ئەۋەتىشكە رۇخسەت قىلىنغان تۇنجى ئىشتات بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن 3-نويابىر ئاخىرلىشىدىغان ۋە ترامپنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى ئىككى يىلىدا كونگرە كونتروللۇقىنىڭ كىمنىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان سايلام پەسلى رەسمىي باشلاندى.

ئەمما، سايلىغۇچىلار ۋە سايلام ئەمەلدارلىرى مىليونلىغان پوچتا ئارقىلىق ئارقىلىق كەلگەن بېلەتلەرنىڭ قايسى قائىدەلەرگە بويسۇنىدىغانلىقىنى تېخىچە بىلمەيدۇ. چۈنكى ترامپ فېدېراتسىيە ئالىي سوتىنىڭ سوتچىسى تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلغان چەكلىمىلەرنى قايتىدىن يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلماقتا. ئىشتاتلار بولسا بېلەت تاشلاش باشلانغاندىن كېيىن كېلىپ چىقىدىغان ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلماقتا.

بۇ تالاش-تارتىشقا بىر «ئىچكى ئەھۋالنى ئاشكارىلىغۇچى» نىڭ (whistleblower) ئېيتقانلىرىمۇ قوشۇلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پوچتا ئىدارىسىنىڭ يېڭى بىر تەكشۈرۈش سىستېمىسى ئالدىراپ-تېنەپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، يېتەرلىك سىناق قىلىنمىغان. بۇ سەۋەبتىن بىرلا تاياقچە كود (barcode) مەسىلىسى تۈپەيلىدىن بىر تۈركۈم بېلەتلەر كېچىكىپ قېلىشى ياكى ئىناۋەتسىز قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

ترامپنىڭ پىلانىنى ۋاقىتلىق توسۇپ قويۇش قارارىنى ئۇزارتىش-ئۇزارتماسلىقنى ئويلىشىۋاتقان بىر فېدېراتسىيە سوتچىسى، ئالدىراپ-تېنەپ قىلىنغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ زور قالايمىقانچىلىققا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سوتچى ئىندىرا تالۋانى (Indira Talwani) چەكلىمىلەرنى ئاقلاۋاتقان ئادۋوكاتقا: «بىز تېپىشماق ئوينىمايۋاتىمىز، بىز خەلقنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقى ھەققىدە سۆزلىشىۋاتىمىز» دېگەن.

ترامپنىڭ مارتتىكى مەمۇرىي بۇيرۇقى ئىشتاتلاردىن يېڭى بىر فېدېراتسىيە تور بېكىتى(portal) ئارقىلىق ئامېرىكا پوچتا ئىدارىسىنى لاياقەتلىك سايلىغۇچىلار تىزىملىكى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - America's midterm fight intensifies as Democrats, Republicans lock in November contenders

قائىدەلەر مۇجىمەل ھالەتتە

بېلەت كونۋېرتلىرىغىمۇ شەخسىي تاياقچە كودلار ۋە باشقا لايىھە ئەۋزەللىكلىرى كېرەك بولىدۇ؛ پوچتا ئىدارىسى بولسا، تەلىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان كونۋېرتلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ قائىدەلەرنى «سايلامنىڭ ئادىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، لېكىن پوچتا ئارقىلىق ئاۋاز تاشلاشتا كۆرۈنەرلىك ئالدامچىلىق بولغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق پاكىت كۆرسىتەلمىدى.

ترامپ پوچتا ئارقىلىق بېلەت تاشلاشنى «چىرىكلىك» دەپ ئەيىبلەپ كەلدى، ئەمما ئۆزىمۇ بۇ ئۇسۇلنى قوللاندى؛ مەسىلەن، ئۆتكەن ئايدا فىلورىدادىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى سايلىمىدا پوچتا ئارقىلىق ئاۋاز تاشلىدى.

بۇ مۇجىمەللىكلەر ئىشتاتلار ئارا زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغان سايلام تۈزۈمىگە تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە. بەزى ئىشتاتلار بېلەتلەرنى تىزىملاتقان سايلىغۇچىلارغا ئۆزلۈكىدىن ئەۋەتىدۇ، بەزىلىرى سايلىغۇچىنىڭ تەلەپ قىلىشىنى شەرت قىلىدۇ. كىملىك تەلىپى، تاپشۇرۇش سۈرۈكى ۋە كېچىكىپ كەلگەن بېلەتلەرنى ھېسابلاش قائىدەلىرىمۇ پۈتكۈل مەملىكەتتە ئوخشاش ئەمەس.

سايلام ئەمەلدارلىرى ئاۋاز تاشلاش باشلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، فېدېراتسىيەنىڭ تەلىپىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقىغا دۇچ كەلمەكتە.

دېموكراتىيە سۇپىسى «Democracy Docket» نىڭ قۇرغۇچىسى مارك ئېلىئاس (Marc Elias) ئۆزىنىڭ يۇتۇب پىروگراممىسىدا: «سايلامنىڭ ۋاقتى، ئورنى ۋە ئۇسۇلىنى پىرېزىدېنت ئەمەس، ئىشتاتلار بەلگىلەيدۇ» دېدى.

ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئەھۋاللاردا كونگرە ئىشتاتلارنىڭ قارارىنى بىكار قىلالايدۇ، ئەمما پىرېزىدېنت ھېچقاچان ئۇنداق قىلالمايدۇ. پىرېزىدېنتقا فېدېراتسىيە سايلىمى توغرىسىدا ھېچقانداق ھوقۇق بېرىلمىگەن.

شىمالىي كارولىنا ئەمەلدارلىرى جۈمە (2026-يىلى 4-سېنتەبىر) كۈنىدىكى پوچتا ئەۋەتىش خىزمىتىنىڭ نورمال داۋاملىشىدىغانلىقىنى ۋە ئىشتاتنىڭ تالاش-تارتىش مەركىزىدىكى فېدېراتسىيە تور بېكىتىنى ئىشلىتىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. ئەمما، پۈتكۈل مەملىكەتتە سىستېما ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ۋاقىت تېز سۈرئەتتە ئاخىرلىشىشقا باشلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Democrats are favoured in 2026 midterms, but is a blue wave guaranteed? Not quite.

«ئالدىراپ-تېنەپ قىلىنغان، قالايمىقان»

جۈمە كۈنى سايلام كۈنىگە توپتۇغرا 60 كۈن قالغان كۈن بولۇپ، بۇ ترامپنىڭ بۇيرۇقىدا كۆرسىتىلگەن ئىشتاتلارنىڭ سايلىغۇچىلار ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئاخىرقى مۇددەت ھېسابلىنىدۇ. يەنە 18 ئىشتاتنىڭ 3-نويابىر (2026) دىن تەخمىنەن 45 كۈن ئىلگىرى بېلەت تارقىتىشنى باشلىشى كۈتۈلمەكتە. ئەگەر سوت مەھكىمىلىرى تۇيۇقسىز چەكلىمىلەرنى يولغا قويۇشقا رۇخسەت قىلسا، ئەمەلدارلارنىڭ كونۋېرتلارنى قايتىدىن لايىھەلەش، كومپيۇتېر سىستېمىلىرىنى يېڭىلاش، خادىملارنى تەربىيەلەش ۋە سايلىغۇچىلار سانلىق مەلۇماتلىرىنى يۈكلەش ئۈچۈن ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولىدۇ.

بۇ ھەپتە مەلۇم پوچتا ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى سايلام تور بېكىتىنىڭ «ئالدىراپ-تېنەپ، قالايمىقان ۋە پۈتۈنلەي كەمتۈك» بىر جەريان بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقىنى پاش قىلغاندىن كېيىن، ئەندىشىلەر تېخىمۇ كۈچەيدى. بۇ ئەمەلدار ئاگاھلاندۇرۇپ، «نۆل خاتالىق» سىياسىتى ئاستىدا، بىرلا تاياقچە كودنىڭ سكاننېرلانماسلىقى ياكى ماس كەلمەسلىكى مىڭلىغان بېلەتلەرنىڭ قايتا تەكشۈرۈلىشىنىڭ رەت قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ كۈرەش  تەخمىنەن ئون ئىشتاتتا يۇقىرى سىياسىي قىممەتكە ئىگە. جۇمھۇرىيەتچىلەر كونگرەدە ئاز پەرق بىلەن كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ، ئەمما ترامپنىڭ قوللاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش تەننەرخى ھەمدە ئىران بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتىن نارازى بولۇشى سەۋەبىدىن، دېموكراتلارنىڭ ئاۋام پالاتاسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى دەپ قارالماقتا.

كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېڭى مۆلچەرىگە قارىغاندا، دېموكراتلارنىڭ ئاۋام پالاتاسىنى قولغا كەلتۈرۈش پۇرسىتى %80بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 226 گە قارشى 209 ئورۇن بىلەن كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە