خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
دونالد ترامپ خىتايغا %50 تىن %100 گىچە تاموژنا بېجى قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ترامپ، ناتو ئەزالىرىنى رۇسىيە نېفىتى سېتىۋېلىشنى توختىتىشقا چاقىردى.
دونالد ترامپ خىتايغا %50 تىن %100 گىچە تاموژنا بېجى قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى
دونالد ترامپ خىتايغا %50 تىن %100 گىچە تاموژنا بېجى قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى / AA

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئەگەر بارلىق ناتو دۆلەتلىرى رۇسىيەدىن نېفىت سېتىۋېلىشنى توختاتسا ۋە رۇسىيە نېفىتى سېتىۋالغان خىتايغا %50-%100 لىك تاموژنا بېجى قويسا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ، شەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا يوللىغان يازمىسىدا، ناتونىڭ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا بولغان ۋەدىسىنىڭ «%100 دىن كۆپ تۆۋەن» ئىكەنلىكىنى ۋە بەزى ئىتتىپاقداش ئەزالارنىڭ رۇسىيە نېفىتى سېتىۋېلىشىنىڭ «ئەجەبلىنەرلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ناتو ئەزالىرىغا خىتاب قىلىپ: «بۇ ئەھۋال، رۇسىيەگە قارشى سۆھبەتتىكى ئورنىڭىز ۋە سودىلىشىش كۈچىڭىزنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ» دېدى.

بۇ بايانات، رۇسىيەنىڭ بىر قانچە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ پولشا ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىشى بىلەن جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىندى. رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى پولشا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا پارلامېنتى ترامپنى، جازا تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىدىغان قانۇن لايىھەسى مەسىلىسىدە قايىل قىلىشقا تىرىشماقتا.

خىتايغا تاموژنا بېجى

پىرېزىدېنت، ناتو ئەزالىرىنىڭ خىتايغا %50 تىن %100 گىچە تاموژنا بېجى قويۇشى كېرەكلىكىنى، بۇ باجلارنىڭ، رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى ئۇكرائىناغا قاراتقان ھۇجۇمى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپ: «خىتاينىڭ رۇسىيە ئۈستىدە كۈچلۈك كونتروللۇقى، ھەتتا تەسىرى بار» دەپ يازدى ۋە كۈچلۈك تاموژنا بېجىنىڭ «بۇ تەسىرنى يوقىتىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

ترامپ، يازمىسىدا ئۇرۇشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دېموكراتچى جو بايدىن ۋە ئۇكرائىنا دۆلەت باشلىقى ۋولودىمىر زېلېنسكىيگە يۈكلىدى. ئەمما، رۇسىيە دۆلەت باشلىقى ۋىلادىمىر پۇتىننى بۇ مەسئۇلىيەتكە كىرگۈزمىدى.

ترامپ ئىلگىرى، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش بولمىسا، رۇسىيە نېفىتى سېتىۋالغان دۆلەتلەرگە ئىككىنچى دەرىجىلىك جازا يۈرگۈزۈش بىلەن تەھدىت سالغان ئىدى.

ئامېرىكا ھازىر، ھىندىستاننىڭ رۇسىيە نېفىتى ئىمپورتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى سەۋەبلىك بۇ دۆلەتنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا %25 لىك قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

گ 7 دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن ۋە رۇسىيە نېفىتىغا باھا چېكى بېكىتكەن ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا، رۇسىيە خىتاي ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە نېفىت سېتىشنى كۆپەيتكەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump pledges US arms for NATO to aid Ukraine and issues Russia a 50-day truce ultimatum

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
ترامپ: پۈتۈن ئىراننى پارتلىتىۋېتەلەيمەن
ھەلەبتىكى ھەربىي رايوندا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا تۆت كىشى يارىلاندى
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى