خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋانس: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا كېلىشىمى ھېچكىمنى «تولۇق خۇشال» قىلمايدۇ»
ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋاشىنگتوننىڭ ھەر ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان بىر كېلىشىم ئىزدەۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئىككى تەرەپنىڭمۇ بۇ كېلىشىمدىن رازى بولماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
ۋانس: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا كېلىشىمى ھېچكىمنى «تولۇق خۇشال» قىلمايدۇ»
ۋانس: «رۇسىيە-ئۇكرائىنا كېلىشىمى ھېچكىمنى «تولۇق خۇشال» قىلمايدۇ» / AP Archive

ترامپ ھۆكۈمىتى رەھبەرلەر ئارىسىدا ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ج.د. ۋانس رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا سۆھبەتلىشىلگەن ھەرقانداق كېلىشىمنىڭ «ھېچكىمنى تولۇق مەمنۇن قىلمايدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

ۋانس يەكشەنبە كۈنى فوكىس خەۋەرلىرىگە بەرگەن باياناتىدا: «ئاخىرىدا رۇسلار بىلەن ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى بۇ ئەھۋالدىن رازى بولماسلىقى مۇمكىن» دېدى ۋە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۇكرائىنالىقلار ۋە رۇسلار قوبۇل قىلالايدىغان، بىر-بىرى بىلەن نىسبەتەن تىنچ ياشىيالايدىغان ۋە ئۆلۈمنىڭ توختىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان بىر سۆھبەت ئاساسىدىكى ھەل قىلىش چارىسى» نى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋانس دىپلوماتىك بىر توسالغۇنىڭ يېڭىلگەنلىكىنى ۋە پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈشكە قوشۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

 ۋانس: «ئەڭ مۇھىم توسالغۇلاردىن بىرى، ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ زېلېنسكىي بىلەن ھەرگىز بىر يەرگە جەم بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئىدى. ھازىر پىرېزىدېنت بۇنى ئۆزگەرتىشنى قولغا كەلتۈردى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

ۋانس ھۆكۈمەتنىڭ ھازىر ئۈچ رەھبەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى ئۈچۈن ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ترامپ بىلەن پۇتىن جۈمە كۈنى ئامېرىكانىڭ ئالياسكا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر يىغىندا ئۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

پۇتىننىڭ ترامپتىن بۇرۇن زېلېنسكىي بىلەن كۆرۈشۈشى كېرەكمۇ-يوق؟ دېگەن سوئالغا ۋانس بۇنىڭ «ئۈنۈملۈك» بولمايدىغانلىقىنى ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋانس: «ئاساسىي جەھەتتىن، بۇ ئىككى تەرەپنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان كىشىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئويلايمەن» دېدى.

پۇتىن پەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، زېلېنسكىي بىلەن ئۈچ تەرەپلىك يىغىنغا قارشى ئەمەسلىكىنى، ئەمما زۆرۈر شەرت-شارائىتلارنىڭ يارىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

NBC خەۋەرلىرى يەكشەنبە كۈنى ئاقساراينىڭ ئۇكرائىنا رەھبىرىنى ئالياسكاغا تەكلىپ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

 

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - European leaders reiterate diplomatic solution must protect Ukraine

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

 

بۇ ئارىلىقتا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ تۇلا رايونىغا قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا ئىككى كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىق ھۇجۇمنىڭ موسكۋا ۋە باشقا رايونلارنىمۇ نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇلا ۋالىيسى دمىترىي مىليايېۋ تېلېگرامدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، موسكۋا رايونىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان تۇلا رايونىغا قىلىنغان ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئىككى كىشىنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كېچىسى ئۈچ سائەت ئىچىدە ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ 27 دانە ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى يوق قىلغانلىقىنى، بۇلاردىن 11 نىڭ تۇلا رايونىدا، بىرىنىڭ موسكۋا رايونىدا، قالغانلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ جەنۇبى ۋە غەربىدىكى تۆت رايوندا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز