نىگېر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەنقەرەدە

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر نىگېر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېيتېنانت گېنېرال سالىفۇ مودى بىلەن كۆرۈشتى.

نىگېر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەنقەرەدە / TRT Uyghur

مىنىستىر گۈلەر رەسمىي تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان مودىنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالدى.

مۇراسىمدىن كېيىن ئىككى مىنىستىر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە بىر يەرگە جەم بولدى.