ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا كىيېۋ ۋە ئودېسسانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە ئودېسسادىكى بىر تۇغۇت دوختۇرخانىسى زىيانغا ئۇچرىدى.
ئۇكرائىنا  كىيېۋ ۋە ئودېسسانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئۇكرائىنا كىيېۋ ۋە ئودېسسانىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى / AP

ئۇكرائىنا رۇسىيەگە قارشى تېخىمۇ كۆپ ياردەم ۋە قورال - ياراغ تەلەپ قىلماقتا.

رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋ ۋە پورت شەھىرى ئودېسساغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلدى. ئۇكرائىنا دائىرىلىرى بۇ ھۇجۇملاردا بىر كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە بىر تۇغۇت دوختۇرخانىسىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ياردەم تەلىپىدە بولدى.

موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇكرائىنامۇ رۇسىيەنىڭ ئىچكى رايونلىرىغىچە رۇسىيەگە قارشى ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى.

ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە ئەسىر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى. بۇ، سۆھبەتلەردىكى مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارالسىمۇ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان كېلىشىم تېخىچە ھاسىل قىلىنالمىدى.

كىيېۋنىڭ مەركىزىدە كەم دېگەندە 12 پارتلاش، ھاۋا مۇداپىئە ئوقلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە يەتتە رايون نىشان قىلىندى، بىنالار ۋە ماشىنىلار كۆيۈپ كەتتى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

 ئەسىر ئالماشتۇرۇش

 

دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە تۇنجى باسقۇچتا 25 ياشتىن كىچىك ئەسىرلەرنى ئالماشتۇردى. ئەمما قانچىلىك ئەسكەرنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Russia, Ukraine complete first phase of under-25 POW exchange: Moscow

ئەسىر ئالماشتۇرۇشتىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى  ئەسكەرتكەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەۋجۇت رۇسىيە ھەيئىتى بىلەن يەنە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنىڭ «مەنىسىز» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. زېلېنسكىي بۇرۇن بۇ ھەيئەتنى «كاللىسى ئىشلىمەيدىغان ئادەملەر» دەپ ئاتىغان ۋە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

يەكشەنبە كۈنى، رۇسىيە ئارمىيەسى قىسمەن رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى دونېتسك ۋە زاپورىجيا رايونلىرى بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئۇكرائىنانىڭ دنىپروپېتروۋسك رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، ئۇدا ئۈچ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئۇرۇشلاردا تۇنجى قېتىملىق ئىش بولدى.

رۇسىيە ئۇرۇشنى توختىتىش شەرتى سۈپىتىدە ئۇكرائىنانىڭ موسكۋا ئىشغال قىلدى دەپ ئىگىلىۋالغان زېمىنلاردىن ۋاز كېچىشىنى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولماسلىقىنى تەلەپ قىلماقتا. شۇنداقلا، كىيېۋ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەلەپ قىلغان 30 كۈنلۈك شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ غەربتىن كەلگەن قورال - ياراغلار بىلەن قايتا قوراللىنىشىغا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇكرائىنا بولسا رۇسىيەنىڭ پۈتۈن زېمىنلىرىدىن تولۇق چېكىنىپ چىقىپ كېتىشىنى ۋە غەربتىن بىخەتەرلىك كاپالىتى تەلەپ قىلماقتا. موسكۋانىڭ تەلەپلىرىنى بولسا «ئۇلتىماتوم» دەپ ئاتىماقتا.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ