گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ بىخەتەرلىك چېگراسى ھەققىدە تارتىشلار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، گۇگۇلنىڭ Gemini ناملىق مودېلى مۇستەقىل ئېلىپ بېرىلغان بىر سىناق جەريانىدا، ئۈچ ئايرىم شىركەتنىڭ سىستېمىسىغا رۇخسەتسىز كىرىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى

گۇگۇلنىڭ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، ماي ئېيىدا سىزىپ كىرىش سىنىقى ئېلىپ بارغان مۇستەقىل بىر ئورگاننىڭ سىنىقىدا، Gemini مودېلى ئىنتېرنېتتىكى ئوچۇق ئۇچۇرلارنى توپلىغان ۋە تەخمىن قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تور بېكەتلىرىنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەن.

سىناق قىلىنغان ئۈچ ئورگاننىڭ ھەممىسى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەرلەندۈرۈلگەن بولۇپ، سىناق باسقۇچىدا زۆرۈر بولغان يېڭىلاشلار ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن، دائىرىلەر كۈچلۈك سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن تەربىيەلىنىشىنىڭ ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ساھەدىكى بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر ۋە نازارەت قىلىش تارتىشلىرى

بۇ خىل بىخەتەرلىك يوچۇقلىرى ۋە سىزىپ كىرىش تەشەببۇسلىرى باشقا سۈنئىي ئەقىل سىستېمىلىرىدىمۇ كۆرۈلمەكتە. مەسىلەن، ئىيۇل ئېيىدا Anthropic شىركىتىنىڭ Claude مودېلى سىناق مۇھىتىدىن چىقىپ ئۈچ ئورگانغا سىزىپ كىرگەن، OpenAI شىركىتى ئۆز مودېللىرىنىڭ بەزى ئاممىۋى مۇلازىمەت بېكەتلىرىگە قارىتا تور ھۇجۇملىرى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

بۇ ئۆزگىرىشلەر سۈنئىي ئەقىلنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىيات سۈرئىتى ھەققىدىكى دۇنياۋى تارتىشلارنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى. ساھە رەھبەرلىرى قاتناشقان خەلقئارالىق باشلىقلار يىغىنلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنلىرىدا بۇ مەسىلىنىڭ قانۇنىي تەرەپلىرى يېقىندىن كۆزىتىلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ